شەھەر ئىستېمال سەھەر گېزىتى خەۋىرى: شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى ئېچىۋېتىلگەن بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، خەلقئارا چوڭ بازارغا كېلىدىغانلارنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئاشتى. قاتناش ساقچىلىرى شەھەر ئاھالىلىرىگە پىيادىلەر كوچىسى ئەتراپىدا ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى بولسىمۇ، ئەمما ئاپتوموبىل ئېقىم مىقدارىنىڭ كۆپ بولۇشى سەۋەبلىك، نۆۋەتتە ئىھتىياجنى تولۇق قاندۇرۇلمايدىغانلىقىنى، شۇڭا شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئولتۇرۇپ بېرىشىنى ئەسكەرتتى.
تىيانشان رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى شىنخۇا يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى خەن مىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: پىيادىلەر كوچىسىنىڭ ئەتراپىدا ئالتە ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى بولۇپ، بۇنىڭىدىن سىرت يەنە ئىككىسى قۇرۇلۇۋاتىدۇ.
بۇ ئالتە ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا باركۆل ئولتۇراق رايونى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى (70 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ) ؛ بوغدا كۆلى يولىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى دۆڭكۆۋرۈك ناخشا-ئۇسسۇل تىياتىرخانىسى ئاپتوموبىل ماشىنا توختىتىش مەيدانى (200 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ) ؛ جەنۇبىي ئازادلىق يولى شىنجاڭ جۇلا سودا شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى (50 ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى بىلەن تەمىنلەيدۇ) ؛ جەنۇبىي ئازادلىق يولى جاۋخىڭ خەلقئارا سارىيى ئالدىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى (30 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ) ؛ بۇلاقبېشى كوچىسى ۋە شۇاڭچىڭ كوچىسى ئوتتۇرىسىدىكى ۋاقىتلىق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى (300 ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى بىلەن تەمىنلەيدۇ) ؛ ئىتتىپاق يولى بىلەن يېڭىئاۋات يولى ئارىسىدىكى يول بۆلىكىنىڭ غەربىي يېنىغا جايلاشقان بۆلەك، ھەر كۈنى سائەت 21 دىن 24 كىچە ئاپتوموبىل توختىتىشقا بولىدۇ.