شىنخۇا تورى، ئۈرۈمچى، 8-ئاينىڭ 18-كۈنى تېلېگراممىسى. خادىكلار ھال رەڭ كوچىلاردا تاقىلداپ مېڭىپ تۇرىدۇ، ياشانغانلار ئىشىك ئالدىدا ئاپتاپقا قاقلىنىپ ئولتۇرىدۇ، بالىلار بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئوينايدۇ، قىزلار چىرايلىق كۆينەكلەرنى كىيىشىپ پىچىرلىشىپ، بىر-بىرىگە قاراپ تەبەسسۇم قىلىشىدۇ... قازانچىدىن ئىبارەت بۇ دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشلىرى مانا مۇشۇنداق نامايان بولۇپ تۇرىدۇ. (شېڭ يۈەن فوتوسى)
غۇلجا شەھىرى قازانچى ئۆرپ-ئادەت ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ھەلىمە ئاۋۇت مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: 2008-يىلى غۇلجا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئادەم كۈچى، مەبلەغ قاتارلىقلارنى ئاجرىتىپ، بۇ جايدا گۈزەللەشتۈرۈش، يورۇتۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، بىر تۈركۈم شەھەر ئاھالىسى بېيىش يولىغا قاراپ ماڭدى، مەنمۇ بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشتىم.
ھەلىمە يەنە مۇنداق دېدى: بۇ يىل كۆپچىلىكنىڭ كىرىمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، بۇلتۇر مەنزىرە رايونىدا تەخمىنەن 60-70 مىڭ ساياھەتچى كۈتۈۋېلىندى.