تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ ئالتە تىپىك مەسىلىنى ئاشكارىلىدى

   يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ ئالتە تىپىك مەسىلىنى ئاشكارىلىدى. بۇ ئالتە تىپىك مەسىلە تۆۋەندىكىچە:

   1. بۈگۈر ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، سابىق ئىدارە باشلىقى ئەنۋەر جۈمەنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ سوۋغات، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013 – يىلىدىن 2017 – يىلىغىچە قۇربان ھېيت مەزگىلىدە، ئەنۋەر جۈمە باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىدىن جەمئىي 21 مىڭ 400 يۈەن سوۋغات ۋە سوۋغاتلىق پۇل ئالغان؛ 2014 – يىلى 10 – ئايدىن 2016 – يىلى 8 – ئايغىچە، ئەنۋەر جۈمە ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى كۆپ قېتىم ئۆزىنىڭ ھەم تۇغقانلىرىنىڭ شەخسىي ئىشىنى بېجىرىشكە ئىشلەتكەن. ئۇنىڭدىن سىرت، ئەنۋەر جۈمەدە يەنە ئىنتىزامغا خىلاپ باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان. 2018 – يىلى 6 – ئايدا، ئەنۋەر جۈمەگە پارتىيەدە بىر يىل قالدۇرۇپ سىناش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى.

   2. چىرا ناھىيەسى ئۇلۇغساي يېزىلىق پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، سابىق يېزا باشلىقى مەمەتجان مەتتۇردىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ سوۋغات ئېلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2014 – يىلىدىن 2017 – يىلىغىچە قۇربان ھېيت مەزگىلىدە، مەمەتجان مەتتۇردى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىنىڭ مۇناسىۋەت باغلاش ئۈچۈن سوۋغا قىلغان 7200 يۈەن قىممىتىدىكى يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلات قاتارلىق سوۋغاتلىرىنى قوبۇل قىلغان. ئۇنىڭدىن سىرت، مەمەتجان مەتتۇردىدا يەنە ئىنتىزامغا خىلاپ باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان، 2018 – يىلى 5 – ئايدا، مەمەتجان مەتتۇردىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى.

   3. شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد داشۆسى قوغداش باشقارمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى رۇسۇل مۇسانىڭ ئوغلىنىڭ تويىنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى. 2018 – يىلى 5 – ئايدا، رۇسۇل مۇسا تەشكىلگە ‹‹رەھبىرىي كادىرلارنىڭ توي – تۆكۈن، نەزىر – چىراغ، تەبرىكلەش ئىشلىرىنى ئۆتكۈزۈشنى دوكلات قىلىش جەدۋىلى››نى يوللاپ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن بىلىپ تۇرۇپ قەستەن خىلاپلىق قىلغان، ۋەزىپە تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، ئوغلىنىڭ تويىنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈپ، بەلگىلىمىدىن ئاشۇرۇپ 520 نەچچە كىشىنى زىياپەتكە چاقىرغان، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىنى تويغا چاقىرغان ھەم 66 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق سوۋغاتلىق پۇل ئالغان. ئۇنىڭدىن سىرت، رۇسۇل مۇسادا يەنە ئىنتىزامغا خىلاپ باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان. 2018 – يىلى 5 – ئايدا، رۇسۇل مۇساغا پارتىيەدە ئىككى يىل قالدۇرۇپ سىناش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى.

   4. تېكەس ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى لۇ جېڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ قوشۇمچە ياردەم پۇل تارقىتىش مەسىلىسى. 2014 – يىلى 1 – ئايدىن 2016 – يىلى 8 – ئايغىچە، لۇ جېڭ ئەمگەك مۇلازىمەت خىراجىتى نامىدا بۇ دوختۇرخانىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ بەش ئەزاسىغا بەلگىلىمىگە خىلاپ جەمئىي 57 مىڭ 100 يۈەن قوشۇمچە ياردەم پۇلى تارقاتقان، ئۆزى 25 مىڭ 200 يۈەن ئالغان. ئۇنىڭدىن سىرت، لۇ جېڭدا يەنە ئىنتىزامغا خىلاپ باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان. 2018 – يىلى 7 – ئايدا لۇ جېڭغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

   5. قاراماي شەھەرلىك پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ۋاڭ جيەنمىڭنىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش مەسىلىسى. 2016 – يىلى 10 – ئايدىن 2017 – يىلى 12 – ئايغىچە، ۋاڭ جيەنمىڭ كۆپ قېتىم ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ئىشلىتىپ شىخەنزىگە بېرىپ شەخسىي ئىشىنى بېجىرگەن، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى توشۇغان. ئۇنىڭدىن سىرت، ۋاڭ جيەنمىڭدە يەنە ئىنتىزامغا خىلاپ باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان. 2018 – يىلى 6 – ئايدا، ۋاڭ جيەنمىڭغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

   6. يېڭىسار ناھىيەلىك كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى گۈلبوستان ئەبەيدۇللانىڭ ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ئىشخانا ئىشلىتىش مەسىلىسى. 2016 – يىلى 5 – ئايدىن 2018 – يىلى 5 – ئايغىچە، گۈلبوستان ئەبەيدۇللا ئۇزاق مۇددەت ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ئىشخانا ئىشلىتىپ يامان تەسىر پەيدا قىلغان. 2018 – يىلى 6 – ئايدا، گۈلبوستان ئەبەيدۇللاغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

   يۇقىرىدىكى ئالتە تىپىك مەسىلىنىڭ ساۋىقى چوڭقۇر بولۇپ، كىشىنى سەگەك تۇرۇشقا ئۈندەيدۇ، ئۇلار ئاز ساندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىدىمۇ، يەنىلا تەلەي سىناش، قارشىلىشىپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشنى ئويلاپ، ئۆزىنى تارتماسلىق، قولىنى يىغماسلىق، ھوشىنى تاپماسلىق قىلمىشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. قۇربان ھېيت يېتىپ كېلىش ئالدىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى باشتىن – ئاخىر يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، بايرام مەزگىلىدە ‹‹تۆت خاھىش›› مەسىلىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، قايتا باش كۆتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۈچ جەھەتتىكى خىزمەتنى نۇقتىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك: بىرىنچى، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش. بايرام مەزگىلى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ – ئىچىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرى ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەتكە بېرىش، سوۋغات، سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئاسان، كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل، شۇڭا كۆپ خىل شەكىل قوللىنىپ، قاراتمىلىققا ئىگە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، مەسىلە يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئىككىنچى، تەربىيە بېرىپ ئەسكەرتىپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش. بايرام مەزگىلىدە ‹‹تۆت خاھىش›› مەسىلىسى ئاسان، كۆپ يۈز بېرىدىغان تىپلار ۋە چېتىلىدىغان كىشىلەر توپىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، رادىيو – تېلېۋىزىيە، گېزىت – ژۇرنال، تور، ئۈندىدار، يان تېلېفون تېرمىنالى قاتارلىق تاراتقۇلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، كۆپ خىل يول، كۆپ خىل نۇقتىدىن تەشۋىقات، سەپەرۋەرلىكنى كۈچەيتىپ، تەربىيە بېرىپ ئەسكەرتىپ تۇرۇشنى قاراتمىلىق قانات يايدۇرۇپ، ئالاقىدار سىياسەت، بەلگىلىمىلەرنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ، ئىنتىزام تەلىپىنى چۈشەندۈرۈپ، ئىنتىزام ئىجراسى چوقۇم قاتتىق بولۇشتەك كۈچلۈك سىگنالنى داۋاملىق تارقىتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تۆۋەن چەكنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، ئەيمىنىشنى بىلىش، ئومۇم بىلەن شەخسنى ئېنىق ئايرىش، تېجەشچان بولۇپ، ئىسراپخورلۇقتىن ساقلىنىش ئادىتىنى ئاڭلىق يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى روھىنىڭ تەلىپىنى كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشكە، ئادەتكە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىنتىزام ئىجراسى، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتە قاتتىق بولۇش. بەلگىلىمىگە، ئىنتىزامغا خىلاپ بايقالغان مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش، ھەرگىز كۆڭلى يۇمشاقلىق قىلماسلىق؛ تىپىك مەسىلىلەرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلاپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا ئىبرەت تەربىيەسى بېرىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ