شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: بىر قانچە كۈندىن بۇيان، چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئەڭ ئاۋات جاينىڭ بىرى بولۇپ قالدى. 8-ئاينىڭ 18-كۈنى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا تىجارەت باشلانغاندىن بۇيانقى تۇنجى ئارام كۈنى بولۇپ، مۇخبىر بۇ جايغا كېلىپ كىشىلەر ئارىسىدا بۇ جايدىكى قىزىق كەيپىياتنى ھېس قىلدى.
«ماڭا ئەسلى تەمدىكى قېتىقتىن بىرنى...»، «ماڭا تاۋۇز سۈيىدىن بىر ئىستاكان...» 8-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 16:00دە،خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىنىڭ B رايونىدا قېتىق ۋە ئىچىملىك ساتىدىغان گۈللۈك ھارۋىنىڭ سودىسى ياخشى بولدى.
شېنجىندىن كەلگەن بىر ساياھەتچى مۇنداق دېدى: مەن خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىللە ساياھەتكە كەلدىم، چوڭ بازار ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن، ناخشا-ئۇسسۇللا ئەمەس، يەنە پىيادىلەر كوچىسىدا نۇرغۇن مەزىلىك تائاملار بار ئىكەن.
چۇڭچىڭدىن كەلگەن ساياھەتچى جياڭ لىمىن قولىدىكى قوي گۆشىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ قوي گۆشى ھەقىقەتەنمۇ بەك يېيىشلىك ئىكەن.
شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى نىڭ چى مۇنداق دېدى: شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى مەنزىرە رايونىنى گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە بايلىقنى بىرلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم ساياھەتچىلەر چوقۇم بارىدىغان ئورۇنغا ئايلاندى. پىيادىلەر كوچىسىنىڭ تىجارەت باشلىشى، سەيلى-ساياھەت بىلەن ئىستىراھەتنىڭ يۇغۇرۇلما يېڭىلىق يارىتىشىنى شەھەر تۇرمۇشىدىكى يېڭى بىر قاتلامغا كۆتۈردى.