تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

جاڭ رېنجى: ئىشلەمچىدىن بېيىش ماھىرىغا ئايلىنىش

 شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارى مۇخبىرى لىچياڭ

  سۈرەتتە: 7 – ئاينىڭ 27 – كۈنى جاڭ رېنجى كەپتەرخانىدا نەسىللىك كەپتەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى كۆزەتمەكتە.

لى چياڭ فوتوسى

  ھەر كۈنى سەھەردە، جاڭ رېنجى كەپتەرلەرنىڭ بۇقۇلدىغان ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كېتەتتى. 7 – ئاينىڭ 26 – كۈنى جاڭ رېنجىنى كۆرگىنىمدە، ئۇ كەپتەرخانىدا كەپتەرلەرگە دان بېرىش، كەپتەر مايىقىنى تازىلاش، تۇخۇملارنى يىغىش، باقمىچىلىق خاتىرىسى يېزىش بىلەن ئالدىراش يۈرگەن ئىكەن، ئۇ بۇ ئىشلارنى تۈگەتكىچە چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولۇپ قالغانىدى. گۆش كەپتىرى باقمىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇش گەرچە جاپالىق بولسىمۇ، ھالاۋىتى بار ئىدى، جاڭ رېنجىنىڭ كەپتەرلىرى دەسلەپكى 100 جۈپ نەسىللىك كەپتەردىن ھازىرقى 2000 جۈپتىن ئارتۇق تاۋار كەپتەرگە يەتتى، جاڭ رېنجىنىڭ كەپتەر باقمىچىلىق ئىشلىرى بارغانسېرى راۋاجلاندى.

  بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن جاڭ رېنجى بورتالا شەھىرىنىڭ ئارالتوقاي چارۋىچىلىق مەيدانى يامۇل توخا كەنتىدىن، ئۇ 2010 – يىلى ئۈرۈمچىدە ئاشپەزلىك كەسپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن گۇاڭجوۋ، شاڭخەي قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئىشلىدى، رېستوراندا ئاشپەزلىك قىلدى، خىزمەتنى تىرىشىپ، ئەستايىدىل ئىشلىگەچكە، مائاش تەمىناتى خېلى ياخشى ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ، جاڭ رېنجىنىڭ قەلبىدە ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار ئىدى.

  جاڭ رېنجى گۆش كەپتىرىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بازار ئىستىقبالىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكى، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئېھتىياجنى قامدىيالمايدىغانلىقىنى بايقىدى. 2013 – يىلى ئەتىيازدا، جاڭ رېنجى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەش يولىغا ماڭدى. ئۇ يىغقان پۇللىرىنى ئېلىپ، ۋۇخەن شەھىرىگە بېرىپ كەپتەر بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى ھەم نەسىللىك كەپتەرلەرنى كىرگۈزۈپ باقتى.

  نەسىللىك كەپتەرلەرنى كىرگۈزگەن ئاشۇ كۈنلەردە جاڭ رېنجى كەپتەرخانىدىن ئايرىلمىدى، كۈندە كەپتەرلەرگە قاراش، دان بېرىش، سۇنى ئالماشتۇرۇشقىچە بولغان ھەر بىر ھالقىدا ئەستايىدىل، ئىنچىكە بولۇپ، بۇ نەسىللىك كەپتەرلەرنىڭ بالدۇرراق كۆپىيىشىنى كۈتتى. لېكىن ياخشى كۈن ئۇزاققا بارمىدى، ئەندىشە قىلىۋاتقان ئىش يەنىلا يۈز بەردى، تۇنجى تۈركۈمدىكى باچكىلار تۇخۇمدىن چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭ تەجرىبىسى ۋە باچكىلارنى بېقىش تېخنىكىسى كەمچىل بولغاچقا، بىر ئاي ئىچىدە ئۈچتىن بىر قىسىمغا يېقىن باچكىنى ئۆلتۈرۈپ قويدى، دورا بېرىش، ئوكۇل ئۇرۇش، داننى ئالماشتۇرۇش... جاڭ رېنجى تۈرلۈك ئاماللارنى قىلىپ باققان بولسىمۇ، زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرالمىدى.

  ‹‹قانداق قىلسام بولار، بولدى قىلايمۇ – يە؟ بۇنداقلا ۋاز كەچسەم، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇيۇمنى قانداق ئىشقا ئاشۇرالايمەن؟›› جاڭ رېنجى كەپتەرخانىدا ئولتۇرۇپ، قېپقالغان كەپتەرلىرىگە قارىغاچ، قانداق قىلىش توغرىسىدا ئويلاندى.

  جاڭ رېنجى ئارىسالدىلىق ئىچىدە ئاخىر ئالغا قاراپ جەسۇرانە ئىلگىرىلەشنى تاللىدى. ئۇ يەنە مەبلەغ توپلاپ، خېنەن ئۆلكىسىدىكى پىڭدىڭشەنگە بېرىپ كەپتەر بېقىش تېخنىكىسىنى داۋاملىق ئۆگەندى ھەم قايتىدىن ئۈچ خىل نەسىللىك كەپتەر كىرگۈزدى. دەسلەپكى مەغلۇبىيەتىن ساۋاق ئالغاچقا، جاڭ رېنجى تېخىمۇ ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئۇ نەسىللىك كەپتەر باقمىچىلىق مەيدانىنىڭ ئەندىزىسى بويىچە، كەپتەرخانىنى دېزىنفېكسىيە قىلدى، كەپتەرلەرگە دان بەردى، كەپتەرلەر شۇ جاينىڭ مۇھىتىغا كۆنگەندىن كېيىن ئاندىن كۆپەيتىشنى ئويلىدى، بۇ قېتىم باچكىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى % 5تىن تۆۋەن بولدى. 2014 – يىلى ئەتىيازدا، جاڭ رېنجىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى تاۋار كەپتەرلىرى بازارغا سېلىندى، ئۆلچەملىك بېقىلغاچقا، كەپتەرلەردە كېسەل ئاز كۆرۈلدى، ئوبدان ئەت ئالدى، كەپتەر بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىدى، ئۇ كەپتەر باققاندىن بۇيانقى تۇنجى پايدىغا ئېرىشتى.

  2015– يىلى جاڭ رېنجىنىڭ تاۋار كەپتىرى 1000 جۈپكە يەتتى، ئۇ باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، 2016 – يىلى يەنە 160 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ يېڭى كەپتەرخانا سالدى. 2017 – يىلى كەپتەرلىرىنىڭ سېتىلىش سوممىسى 130 مىڭ يۈەنگە يەتتى، جاڭ رېنجى كەنتتىكى داڭلىق بېيىش ماھىرىغا ئايلاندى.

  جاڭ رېنجى كەنتتە گۆش كەپتىرى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، ئۆزى ئىگىلىگەن كەپتەر بېقىش تېخنىكىسى ۋە تەجرىبىسى ئارقىلىق كەنتتىكىلەرنى بىرلىكتە بېيىشقا يېتەكلەپ، گۆش كەپتىرى باقمىچىلىقىنىڭ كۆلەملەشكەن تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ