تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

«ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە قارشى ئاداققىچە جەڭ قىلىشقا قەسەم بېرىمەن

كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى سىدىق ئېلى

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پارتىيەنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ غەمخورلۇقى، ياردىمىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، پائال ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشتا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، خەلق ئاممىسى كۈندىن – كۈنگە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. بىز ھەر بىر شىنجاڭلىق مۇشۇ تارىخنىڭ گۇۋاھچىلىرى، مۇشۇ تارىخنى ھەقىقىي باشتىن كەچۈرگۈچىلەرمىز.

  ھالبۇكى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› تۈرلۈك ئىغۋا ۋە سەپسەتە ئويدۇرۇپ، ‹‹مىللەت›› ۋە ‹‹دىن››نى دەستەك قىلىپ، مىللىي ئارازلىق پەيدا قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلدى؛ كادىرلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنۇۋالغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئىدىيە قالايمىقانچىلىقى پەيدا قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قارا قولى بولدى، ئۇلار ھەر مىللەت خەلقنى قاتتىق يىرگەندۈرىدىغان جەمئىيەتتىكى زەھەرلىك ئۆسمە. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى چوڭقۇر قېزىپ، يوقىتىش كۈرىشى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا بولغان بىر قېتىملىق كەسكىن سىناق ۋە زور تەكشۈرۈش، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

  پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ جىنايى قىلمىشى ۋە چېكىدىن ئاشقان جىنايىتىنى شىكايەت قىلىپلا قالماي، يەنە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئۇلارنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر – ئۇرغا قالىدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىمەن! ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە كۈچ قوشىمەن.

  تونۇشتا سەگەك بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىمەن. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت ئۇزاققا سوزۇلىدىغان بۇ جەڭدە باشتىن – ئاخىر كاللامنى ئالاھىدە سەگەك تۇتۇپ، مەيدانىمنى ئالاھىدە مۇستەھكەم، بايرىقىمنى ئالاھىدە روشەن، ھەرىكىتىمنى ئالاھىدە تېز، قارارىمنى ئالاھىدە كەسكىن قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ۋە تەشۋىق قىلىش رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ ھەم باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ، ھەم قائىدىنى ئېنىق سۆزلەپ، مەسئۇلىيەتنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ئارقىلىق ئاممىغا تەشۋىق قىلىپ ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى تەسىرلىك ئىشلار ئارقىلىق ئاممىنى ‹‹ماركسىزملىق بەش قاراش››، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي تۇغقان بولۇپ، ھەقىقىي دوست تۇتۇپ، ھەقىقىي ئالاقە قىلىپ، مۇھەببەت باغلاپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە زەربە بېرىشتىكى باشلامچى بولىمەن.

  دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇزاققا سوزۇلغان جەڭنى ياخشى قىلىشتا چىڭ تۇرىمەن. قەبىھلىكى ۋە رەزىللىكى چېكىدىن ئاشقان ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە مەككار، ھىيلىگەر ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ئالدىدا، چوقۇم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما – تەلەپلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشتىن – ئاخىر باش نىشاننى چۆرىدەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ››نى ياخشى قىلىپ، ‹‹بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى››دا غەلىبە قىلىپ، سىجىل كۈچەپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، تەشەببۇسكارلىق جېڭى، ئومۇمىي جەڭ، ئۇزاققا سوزۇلغان جەڭنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.

  مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىمەن. پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، چوقۇم قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇستەھكەم سىياسىي ئاڭ ۋە بۇرچ مەسئۇلىيىتى بىلەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن، دۈشمەن كۈچلەرگە ھېچقانداق تىنىۋېلىش پۇرسىتى بەرمەيمەن؛ پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، غايە – ئېتىقاد تۇرغۇزۇپ، مەنىۋى تۈۋرۈك تىكلەپ، مەسئۇلىيەت، بۇرچنى زىممەمگە ئېلىپ، ئاڭلىق ھالدا بۇرچقا سادىق بولۇپ، بۇرچقا ئۆزۈمنى بېغىشلاپ، بۇرچقا داغ تەگكۈزمەي، باتۇرلۇق بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ 1 – سېپىدە تۇرۇپ، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە، جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەر ئالدىدا دادىللىق بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىمەن، كاللىدا مەڭگۈ ۋەزىپە بولۇش، زىممىدە مەڭگۈ مەسئۇلىيەت بولۇش، قەلبتە مەڭگۈ قايناق ھېسسىيات بولۇشنى ئاڭلىق ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ