تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت سىناق ئالدىدا ھەرگىز چېكىنمەيمەن

قاراماي شەھەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ مايتاغ رايونى يېڭى شىمالىي رايون كوچا باشقارمىسىنىڭ 16-مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئادىلجان مەمەتئېلى

  مەن قارامايدىكى 1 – ئەۋلاد نېفىتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلدۇم، ئاتام پېشقەدەم كومپارتىيە ئەزاسى. مەن ھەر مىللەت ئىتتىپاق، ئىناق ئۆتىدىغان مۇھىتتا چوڭ بولدۇم. مەن ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ قاراماي، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا خىزمەت قىلدىم، 2017 – يىلى بايىنغولىن ئوبلاستىدىن قاراماي شەھەرلىك دۆلەت باج ئىدارىسىگە قايتىپ كېلىپ، مەھەللىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىگە قاتنىشىپ ھازىرغىچە ئىشلەۋاتىمەن.

  ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، شىنجاڭ تارىخىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇرمىلىدى. شىنجاڭ تارىخىنى چۈشىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى؛ شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قان – قېرىنداش ئائىلە ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى؛ شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلانغانلىقىنى؛ شىنجاڭنىڭ كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى تارىخىي خاتىرىلەردىكى ئېنىق پاكىتلار. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ سەپسەتە تارقىتىشتىكى رەزىل نىيىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا خەۋپ يەتكۈزۈش، ئۇلارنىڭ مەقسىتى شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىپ چىقىپ كېتىش.

  پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، غايە – ئېتىقادىمنى باشتىن – ئاخىر چىڭىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش مۇساپىسىدە بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن. مەن سىياسىيدا قەتئىي زېرەك ئادەم بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئورۇنلاشتۇرغان ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدىكى بىر يۈرۈش تەدبىر ۋە تەلەپلەرنى قەتئىي ئېغىشماي ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

  چوڭ ئىش، قىيىن ئىش ئالدىدا مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئالىمەن. پېشقەدەم كومپارتىيە ئەزاسى، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىنىڭ كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باشتىن – ئاخىر دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ زور پىرىنسىپال مەسىلىدە بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، سىياسىي مەسئۇلىيىتىمنى ياخشى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت سىناق ئالدىدا ھەرگىز چېكىنمەيمەن، بۆلگۈنچى كۈچلەرگە ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلمايمەن.

  دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى پەقەت ئېغىزدىلا ئىپادىلەپ قالماستىن، بەلكى كونكرېت ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن ۋە نامايان قىلىمەن، مەن ئۇنى ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە مەھەللىدە تۇرۇش خىزمىتىگە چوڭقۇر بىرلەشتۈرىمەن، ھەر مىللەت ئاممىنى خاتا پىكىر ئېقىمى ۋە كۆز قاراشلارنىڭ ماھىيىتى ھەم زىيىنىنى ئېنىق تونۇشقا پائال يېتەكلەيمەن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە ئورتاق قاتنىشىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە يوشۇرۇنغۇدەك جاي، قاچقۇدەك ماكان قالدۇرمايمەن.

  مەن مەھەللىدە مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ 1 – سېپىدە پائال نەتىجە يارىتىپ، ئۆز ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئائىلەمدىكىلەرنى، دوستلىرىمنى، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ چىرىتىشىگە ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە ۋە ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى پاش قىلىپ ھەم تەنقىد قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچ قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ