ماتېرىيال سۈرەت
ئادەتتە تۆۋەندىكى تۆت خىلدىكى بالىلار سىنك تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىق: ئىچى سۈرىدىغان بالىلار، ئالاھىدە بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلار، تۇغما سىنك يېتىشمەسلىك كېسەللىكى بار بالىلار، كەسپىي دوختۇرلار سىنك كەمچىل، دەپ باھالىغان بالىلار.
بىرىنچىدىن، سىنك كەمچىل بالىلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىش كېرەك (ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ ئاي ئېمىتىش)؛ ئىككىنچىدىن، سىنك مول يېمەكلىكلەرنى بالىلارغا قوشۇمچە بېرىش كېرەك، مەسىلەن: قارا گۆش، تۇخۇم سېرىقى، بېلىق گۆشى، گۈرۈچ ئۇنى قاتارلىقلار؛ ئۈچىنچىدىن، بالىلارغا تاماقنى تەڭشەپ بېرىش كېرەك. بالىدا كىچىكىدىنلا تاماق تاللىماسلىق، زىيادە تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكتەك ياخشى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈش كېرەك؛ تۆتىنچىدىن، بالىلارغا دورا ئارقىلىق سىنك تولۇقلاش كېرەك. سىنك كەملىكى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بالىغا سىنك تولۇقلاش كېرەك. دورا يېيىش ۋاقتى 2-4 ئايغىچە بولسا مۇۋاپىق. نورماللاشقاندىن كېيىن دورا بېرىشنى توختىتىش كېرەك. سىنكنىڭ ئۈنۈملۈك مىقدارى بىلەن زەھەرلىنىش مىقدارى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ناھايىتى كىچىك، شۇڭا نامۇۋاپىق تولۇقلىغاندا مىقدارى ئارتىپ كېتىپ، تۆمۈر كەملىك، مىس كەملىك، قان ئازلىق دېگەندەك بىر قاتار كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يېگۈزۈش كېرەك.
ماتېرىيال سۈرەت