كۈنىگە ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغانلار ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 مىڭ ئادەم(قېتىم)گە يەتتى
مۇخبىرىمىز مايگۈل ئايتقازى خەۋەر قىلىدۇ: 8 – ئاينىڭ 16 – كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ 1 – قەۋەت زالىدىكى ‹‹شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى›› رەقەملىك نەتىجىلەر VR ھەمتۈرتكە رايونىدا، نۇرغۇن كۆرۈرمەننىڭ رەقەم تېخنىكىسى ئارقىلىق قىزىل مىڭئۆيگە ‹‹بىۋاسىتە قاتناشقانلىقى››نى، كۈسەن تام بېزەك رەسىملىرىدىن ‹‹نەق مەيدان››دا ھۇزۇرلىنىۋاتقانلىقىنى، يەنە ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە ئۆز تەسىراتلىرىنى ھەمبەھرىلەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.
ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي ئىجتىمائىي تەربىيە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ لېي: ھازىر ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينى ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغانلار كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 8000 ئادەم(قېتىم)دىن ئاشتى، ھەپتە ئاخىرىدا 10 مىڭ ئادەم(قېتىم)گە يېتىدۇ، دېدى. ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى ۋە يانداشما پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دىققىتىگە ۋە ياقتۇرۇشىغا سازاۋەر بولدى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر يىلدىن – يىلغا كۆپەيدى.
ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي ھەر يىلى قېرىنداش ئۆلكە – شەھەرلەردىن نادىر كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى كىرگۈزۈپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە ‹‹غەربىي يۇرت تارىخىي ئەسلىمىلىرى››، ‹‹شىنجاڭ قەدىمىي قۇرۇق جەسەتلەر كۆرگەزمىسى›› قاتارلىق ئاساسىي كۆرگەزمىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، كۆرگەزمە شەكلىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشقا، كۆرگەزمە سەنئىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشتى. بۇ مۇزېي 7 – ئايدا يېڭىدىن كىرگۈزگەن ‹‹غەمدىن خالاس قىلغۇچى يۇرت ــــ شۈجوۋنىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى چۇ بەگلىكى نادىر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى››دە، كۆپچىلىك كۆپ ئاڭلاپ ياد بولۇپ كەتكەن ‹‹زەر كەشتىلىك قاشتېشى كىيىم›› قويۇلغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئىشلىتىلگەن قاشتېشى خوتەندىن كەلتۈرۈلگەن، كۆپچىلىك بۇ كۆرگەزمە بۇيۇملىرىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشتىكى يېڭى نەتىجىلەرنى كۆرۈرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. ياز كىرگەندىن بۇيان، مۇزېي ‹‹مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان سامپۇل قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان توقۇلما بۇيۇم مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش – ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرى (2 – قارار)››، ‹‹مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان لاي ھەيكەللەرنى قوغداش – ئەسلىگە كەلتۈرۈش 2 – قارارلىق قۇرۇلۇشى›› قاتارلىق تۈرلەرنى ئاخىرلاشتۇرۇپ باھالاش يىغىنى ئاچتى، دۆلەت ئىچىدىن كەلگەن نوپۇزلۇق باھالاش مۇتەخەسسىسلىرى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، نەق مەيداندا سوئال سوراش، مۇھاكىمە قىلىپ يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق بۇ تۈرلەردە ئالدىن كۆزلەنگەن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋەزىپىسى ئورۇندىلىپتۇ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھۈنەرسەنئىتى ئۆلچەملىك بوپتۇ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈنۈمى ياخشى بوپتۇ، دەپ قاراپ، بۇ تۈرلەرنى تاماملاشقا قوشۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي بۇ بىر نەچچە يىلدا بوشاشماي تىرىشىپ، كۈچ تەشكىللەپ، قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تۈركۈم – تۈركۈملەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش – ئەسلىگە كەلتۈرۈش نەتىجىلىرىنى تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئوقۇشلۇقلىرى، رەقەملىك كۆرگەزمە، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى، كۆچمە مۇزېي قاتارلىق تۈرلەردە كەڭ قوللىنىپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى كۆپلەپ جەلپ قىلدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي 2008 – يىلى ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، يىلدا كۈتۈۋالغان كۆرۈرمەن 281 مىڭ ئادەم(قېتىم)دىن 912 مىڭ ئادەم(قېتىم)گە كۆپىيىپ، 2.25 ھەسسە ئاشقان.
ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي يېقىندا ئۆتكۈزگەن ‹‹يېڭى بىلىم دەرسخانىسى››دا، مۇزېي باشلىقى يۈ جىيۇڭ ‹‹غەربىي يۇرت بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك: ئارخېئولوگىيەدە بايقالغان خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى يىپەك يولىنىڭ تارىخى›› دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلەپ، كۆرۈرمەنلەرگە خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى يىپەك يولىغا ئالاقىدار بىر قاتار ئارخېئولوگىيەلىك بايقاش ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى نامايان قىلدى، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلىرى، مەدەنىيەت ۋە تارىخ ھەۋەسكارلىرىدىن بولۇپ 400دەك كىشى لېكسىيەنى ئاڭلىدى. ‹‹يېڭى بىلىم دەرسخانىسى›› 2017 – يىلى جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، بېيجىڭ داشۆسى، جۇڭگو خەلق داشۆسى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى مۇتەخەسسىسلەرنى يىپەك يولى تەتقىقاتى، تارىخنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ئەھۋالى، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئارخېئولوگىيەلىك بايقاش قاتارلىق مەخسۇس تېمىلاردا لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى. 2018 – يىلى، ‹‹يېڭى بىلىم دەرسخانىسى›› كۆپ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئاممىنى تارىخنى چۈشىنىشكە جەلپ قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتتى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۆزى سۆزلەش، تارىخ ئۆزى سۆزلەش، تەشۋىقاتنى كىشىلەر قەلبىگە سىڭدۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.