8-ئاينىڭ 15-كۈنى، قوبۇقسار ناھىيەسى ئېكئۇتبۇلاق چارۋىچىلىق مەيدانى ئېكئۇتبۇلاق كەنتىدىكى 2700 مو كۆلەمدىكى بۇغدايلىقتا باغلاش ماشىنىسى مەشغۇلات ئېلىپ بارماقتا.
ئۆز خەۋىرىمىز. بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى ئېكئۇتبۇلاق چارۋىچىلىق مەيدانى ئېكئۇتبۇلاق كەنتىدىكى دېھقانلار باشقىچە ئالدىراش بولۇپ كەتتى. دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى گۈرۈلدەپ، باغلاش ماشىنىلىرى بۇغدايلىققا چېچىلغان كېرەكسىز شاخ-شۇمبىلارنى يىغىپ باغلام-باغلام قىلىپ «گۆھەر»گە ئايلاندۇرۇپ، قايتا پايدىلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇ قوبۇقسار ناھىيەسى ئېكئۇتبۇلاق چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ دېھقان-چارۋىچىلارنى باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشتىكى ئاكتىپلاشتۇرۇش يېڭى ئەندىزىسى ئىدى. كېرەكسىز شاخ-شۇمبىلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش مۇھىتنى بۇلغىمايلا قالماستىن يەنە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، چارۋىچلارغا يەم-خەشەك سېتىۋالىدىغان ئىقتىسادىنى تېجەپ بەردى.
(خې چېڭچياڭ فوتوسى)