شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: 8-ئاينىڭ 13-كۈنى ياغقان يامغۇردىن كېيىن ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسى ساپلىشىپ، ئالدىنقى مەزگىلدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىدى، لېكىن 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا ئومۇميۈزلۈك ئۆرلەشكە باشلىغان بولۇپ، تېمپېراتۇرا يەنە ℃30 دىن ئاشىدىكەن.
8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 16-كۈنى كۈندۈزگىچە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايوننىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغدى. شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا بەزىدە بولۇتلۇق، بەزىدە ئوچۇق بولۇپ، شامال كۈچلۈك بولمىدى. 8-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 17-كۈنى كۈندۈزگىچە ئىلى ئوبلاستى، بورتالا ئوبلاستىنىڭ غەربى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربى، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايون قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىدىكى قىسمەن جايلاردا ئوتتۇراھال ياكى كۈچلۈك يامغۇر ياغىدۇ. 8-ئاينىڭ 17-كۈنى كۈندۈزدە شىخەنزە شەھىرى، سانجى ئوبلاستىنىڭ شىمالى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا ئۆرلەيدۇ.
شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا بەزىدە ئوچۇق، بەزىدە بولۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچلۈك بولمايدۇ. 8-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 18-كۈنى كۈندۈزگىچە ئىلى ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاغلىق رايونى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ بەزى جايلىرىدا ئازراق يامغۇر، بەزى جايلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ. شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا بەزىدە ئوچۇق، بەزىدە بولۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچلۈك بولمايدۇ.