خەلق تورى خەۋىرى. تۇخۇم تەركىبىدە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار ئاساسەن دېگۈدەك بار، ناشتىدا تۇخۇم يېيىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك پايدىلىق تەرەپلىرى بار:
ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل تولۇقلاش: ئاقسىل بارلىق ھاياتلىقنىڭ ماددىي ئاساسى، ئۇماچ ۋە بولكا قاتارلىق يېمەكلىكلەرگە سېلىشتۇرغاندا، تۇخۇم تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ ئامىنو كىسلاتا تۈزۈلۈشى تېخىمۇ ياخشى. تۇخۇم تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىش، ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىمۇ ئۇماچ ۋە بولكا قاتارلىق يېمەكلىكلەردىن يۇقىرى.
تويۇنۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش: تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ناشتىلىقتا تۇخۇم يېگەندە تويۇنۇش تۇيغۇسى ئاشىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۇخۇمدىكى ئاقسىل ۋە ياغ داۋاملىق تۇراقلىق ئېنېرگىيە تەمىنلىگەچكە، تويۇنۇش تۇيغۇسى تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملىشىدىكەن.
ئورۇقلاشقا پايدىسى بار: ناشتىلىقتا تۇخۇم يېگەندە چۈشلۈك تاماق ۋە بىر كۈنلۈك ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى تۆۋەنلەپ، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش: تۇخۇمنىڭ تەركىبىدە مول مىقداردا خولىن بار، ئۇ چوڭ مېڭە نېرۋا ئۆتكۈزگۈچى بولغان ئاتسېتىخولىننىڭ زۆرۈر ماددىسى، شۇنداقلا يەنە ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى، بۇنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، دىققەتنى تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈشكە پايدىسى بار. شۇڭا، ئەقلىي ئەمگەك قىلىدىغان خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ناشتىلىقتا تۇخۇم يېيىش ئىنتايىن زۆرۈر.
ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش: تۇخۇمدا مول تىروسىن بار، بۇنىڭ كىشىلەرنىڭ ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈشىگە پايدىسى بار.
كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراش: تۇخۇم سېرىقىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى ئىككى خىل ماددا كۆزنى ئۇلترا بىنەپشە نۇردىن ساقلايدۇ. يەنە كۆزگە ئاق چۈشۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدۇ. ناشتىلىقتا تۇخۇم يېيىشنىڭ كۆزنى زىيادە كۆپ ئىشلىتىدىغان، كومپيۇتېر بىلەن مەشغۇلات قىلىدىغان خىزمەتچىلەرگە زور پايدىسى بار.