8-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 57-باشلانغۇچ مەكتەپتىن كەلگەن ماھىرلار جىڭجۈي تىياتىرىدىن ئارىيە ئورۇنلىماقتا.
شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن تۇنجى نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى ياش-ئۆسمۈرلەر دراما ۋە ئەلنەغمە مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيىدا باشلاندى. پۈتۈن شەھەردىكى جەمئىي 80دىن ئارتۇق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپتىن كەلگەن 300گە يېقىن ئوقۇغۇچى 100گە يېقىن نومۇر بويىچە مۇسابىقىگە قاتناشتى. دەسلەپكى مۇسابىقىدىن كېيىن 32 گۇرۇپپا نومۇر 8-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.
(جياڭ شياۋ فوتوسى)