تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

تۈز يېتىش ھامىلە تەۋرەشنىڭ بىنورمال بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

    نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن ھامىلىدارلار يانچە ياتقاندا سەل راھەت تېپىپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ؟ ئۇنداقتا تۈز يېتىش ھامىلە ھەرىكىتىنىڭ بىنورمال بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟
    ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىلىدە بالىياتقۇنىڭ ئېغىرلىقى، سىغىمچانلىقى كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ. ئەگەر تۈز ياتسا بالىياتقۇ قورساقتىكى غول تومۇرنى بېسىۋېلىپ، بالىياتقۇنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. بالىياتقۇغا قان يېتىشمىسە ھامىلىگە ئوكسىگېن يېتىشمەي ھامىلە كۆپ تەۋرەيدۇ. ھامىلىدارلاردا باش قېيىپ كۆز قاراڭغۇلىشىش، يۈرەك سېلىش، كۆڭۈل ئېلىشىش، پۇت-قول ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ھامىلىدارلار ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىللىرىدە سول يېنىنى بېسىپ ياتسا، بالىياتقۇنىڭ قورساق غول تومۇرى ۋە ئاستىنقى بوشلۇققا كەلتۈرگەن بېسىمى ئازلاپ، يۈرەكتىكى قاننىڭ مىقدارى ئاشىدۇ.
    ھەربىر باسقۇچتىكى «ھامىلە تەۋرەش ئۆلچىمى»
    ھامىلە 20~16 ھەپتىلىك بولغاندا ئۇنچە كۆپ تەۋرىمەيدۇ. ئادەتتە سائىتىگە 5~3 قېتىم، 12 سائەتتە 40~30 قېتىمدىن كۆپرەك تەۋرەيدۇ.
    ھامىلە 35~20 ھەپتىلىك بولغاندا سائىتىگە 5~4 قېتىم تەۋرەيدۇ، ھەر قېتىملىق تەۋرىشى 15~1 سېكۇنت داۋاملىشىدۇ.
    ھامىلە 36 ھەپتىدىن ئاشقاندا، خېلىلا چوڭىيىپ قالغانلىقتىن ھەرىكەت قىلىدىغان بوشلۇق كىچىكلەپ، ھامىلىنىڭ تەۋرەش قېتىم سانى تەدرىجىي ئازىيىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ