ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچىلىك كەسپىدىكىلەر ئارىسىدا «ناۋادا شىنجاڭغا بارمىغان بولسىڭىز، شىنجاڭ ھاياتىڭىزدا بىر قېتىم چوقۇم بارىدىغان جاي؛ ناۋادا شىنجاڭغا بارغان بولسىڭىز، شىنجاڭ ھاياتىڭىزدىكى مېڭىپ-مېڭىپ تۈگىتەلمەيدىغان جاي» دەيدىغان گەپ بار.
شىنجاڭ ئۆزگىچە ساياھەت ماكانى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھازىر مودا بولۇۋاتقان ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھىتىدىن باشقا، يەنە ئۆي ئاپتوموبىلى ساياھىتى، تاغقا چىقىش، ئېقىن ساياھىتى(لەيلەپ ئېقىش)، ۋېلىسپىت ھەيدەش، ئېكسپېدىتسىيە، تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ساياھەت قىلىش قاتارلىق ئۆزگىچە ساياھەت تۈرلىرى ساياھەتچىلەرگە شىنجاڭنىڭ سۇ، قۇرۇقلۇق، ھاۋا بوشلۇقىنىڭ چەكسىزلىكى ۋە گۈزەللىكىنى ھەقىقىي تۈردە ھېس قىلدۇردى.
«تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتۈش»، «شىمالىي شىنجاڭنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈش»، «تىيانشاننى ئايلىنىش» قاتارلىق ۋەكىل خاراكتېرگە ئىگە شىنجاڭنىڭ ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھەت لىنىيەسى مەھسۇلاتلىرى... 2010-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭدا خەلقئارا ئۆزگىچە ساياھەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ساياھەت بايلىقى ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىشقا باشلىدى.
بۇ يىل 7-ئاينىڭ باشلىرىدا بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئارشاڭ ناھىيەسى ۋە ئالتاي ۋىلايىتىدە ئايرىم-ئايرىم تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى ساياھەت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى. بېيجىڭدىن كەلگەن ساياھەتچى لى چيەن مۇنداق دېدى: ئايروپىلاندا تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچقاندا گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدىكەن. بۇنى مەن دۆلىتىمىزدىكى باشقا شەھەرلەردە سىناپ باقمىغان.
ھەممىباب ئاۋىياتسىيە، تىك ئۇچار ئايروپىلان، ھەرىكەتچان ئۈچ بۇرجەكلىك قانات، يەلكەنسىمان پاراشوت، ئىسسىق ھاۋا شارى... شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ساياھىتى يېڭى كەسىپ ھالىتى بىلەن ساياھەتچىلەرنى قۇرۇقلۇقتىن ھاۋا بوشلۇققا ئېلىپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى ئۇلارغا ھېس قىلدۇردى.
چىڭداۋدىن كەلگەن ساياھەتچى يۈ چياڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ساياھىتىمدە ئىسسىق ھاۋا شارىغا ئولتۇرۇپ قاراجۈن يايلىقى مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنالايدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. يىراقتا ئاپئاق قارلىق تاغ، كۆز ئالدىمدا چەكسىز كەتكەن يايلاق، يايلاقتىكى رەڭگارەڭ گۈللەر، كىشىنى تاغ-دەريا رەسىملىرىنى كۆرۈۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدىكەن.