جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: 8-ئاينىڭ 11-كۈنى، 2018-يىللىق سايرام كۆلى لوڭقىسى يېرىم مۇساپىلىق مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى بورتالا ئوبلاستى سايرام كۆلى بويىدا ئۆتكۈزۈلدى. سايرام كۆلى شىنجاڭدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز، كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئېگىز تاغ سوغۇق سۇ كۆلى بولۇپ، غەرب شامىلى ئايلانما بەلۋىغىغا جايلاشقانلىقتىن، ئاتلانتىك ئوكيان نەم ئىسسىق سۇ ھورى تاغ تىزمىسى تەرىپىدىن توسۇلۇپ، بۇ جايدا ھۆل-يېغىن پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا «ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە يېشى» دەپ ئاتالغان.
شۇ كۈنى، ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ئوخشىمىغان ياشتىكى مۇسابىقىگە قاتناشقان 2000 ماھىر سايرام كۆلىدىكى ئەڭ گۈزەل ئايلانمىنى بويلاپ يۈگۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە قىسقا ئارىلىققا مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە 1200 ماھىر، يېرىم مۇساپىلىق مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە 800 نەپەر ماھىر قاتناشتى.
بورتالا ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دەن لىپىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ،سايرام كۆلىنىڭ رايون ساياھەت كەسپىدىكى باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، رايون ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 2018-يىللىق سايرام كۆلى يېرىم مۇساپىلىق مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئالاھىدە ئۆتكۈزۈلگەن، ھەمدە «تەنتەربىيە+ساياھەت» كۇرسلۇق مەھسۇلات پائالىيەتلىرى ئارقىلىق سايرام كۆلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى تەشۋىق قىلىنغان.