ما يۈنپىڭ بىلەن ئايالى ۋاڭ چاڭرۇڭ قۇملۇقتا مېۋە-چېۋە ئۈزمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: باغنىڭ ئىچىدىكى يېشىللىقتا كېتىۋاتقان ما يۈنپىڭ بىلەن ئايالى ۋاڭ چاڭرۇڭ ئۆزىنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلدى. دەسلەپتە ئۇلار بۇ قۇملۇقنىڭ يېشىللىققا ئايلىنىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.
ما يۈنپىڭ بىلەن ئايالى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى تورۇن ناھىيەسى كۆكنۇر دولۇن بازىرى شىنمىن كەنتىنىڭ ئاھالىسى بولۇپ، خۇنشەنداگ قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىدا ئولتۇرىدۇ. بۇ يەردە قۇم-بوران كۆپ بولغاچقا، تېرىلغۇ يەرلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتمۇ چوڭ بولاتتى، شۇڭا بۇ يەردە ئادەم ئۇزۇن تۇرمايتى. ما يۈنپىڭ بىلەن ئايالى 2000-يىلى 3700 مو قۇملۇقنى ھۆددىگە ئالدى، يەرلىك ئاھالىلەردىن ئۇلارنىڭ بۇ قىلغىنىنى ئاڭلاپ زاڭلىق قىلغانلارمۇ بولدى.
«بىر ئىشنى قىلغاندا، پەقەت شۇ ئىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغاندىلا چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ». ما يۈنپىڭ بىلەن ئايالى بۇ قارارنى قىلغاندىن كېيىن قۇملۇققا كۆچۈپ كىرىپ، كالىلىرىنى سېتىپ كۆچەت سېتىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن قەدەممۇ قەدەم يېشىللىق بىلەن قاپلانغان قۇملۇقنى بەرپا قىلدى. 18 يىلدىن كېيىن، بۇ قۇملۇق 200 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق دەل-دەرەخ بىلەن قاپلىنىپ، ياۋا گۈللەر ھەممە جاينى پۈركىدى. بۈگۈنكى كۈندە ما يۈنپىڭ بىلەن ئايالى ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىشنى باشلاپ، بىيو يەم-خەشىكىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدىن بىرنى قۇردى، شۇنىڭ بۇ بەختلىك ئائىلىنىڭ ئاددىي تۇرمۇشى قۇملۇقتىكى يېشىللىق ئارىسىغا يۇغۇرۇلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ لېي فوتوسى)