تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

تومۇز ئىسسىقتا بۇلار ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ

ماتېرىيال سۈرەت

    پېلەكلىك زىرائەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىسسىقنى قايتۇرۇپ، ھۆللۈكنى يوقىتىدۇ، توكسىن ھەيدەپ، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇلار سۇ تەركىبى ئەڭ يۇقىرى يېمەكلىك، يەنە كېلىپ، مىنېرال ماددا ۋە ۋىتامىنلار ئىنتايىن مول بولۇپ، بەدەندە خوراپ كەتكەن كۆپ مىقداردىكى سۇ تەركىبىنى تولۇقلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەڭ، پېلەكلىك زىرائەتلەردە ئاساسىي جەھەتتىن ياغ تەركىبى يوق، ئېنېرگىيەسى تۆۋەن بولۇپ، كۆپ قىسىمىنىڭ قان شېكىرىنى چۈشۈرۈش رولى بار. تۆۋەندە كۆپچىلىككە تومۇز ئىسسىقتا يېيىشكە ماس كېلىدىغان پېلەكلىك زىرائەتلەرنى تونۇشتۇرىمىز.

  بىرىنچى، تاۋۇز. تاۋۇزنىڭ ئىسسىق ھەيدەش، زەھەر قايتۇرۇش، ئۇسسۇزلۇق بېسىش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش رولى بار، ئىسسىق ئۆتۈپ قىلىش، ئىسسىقى ئېشىپ يارا چىقىش، سۈيدۈك راۋان بولماسلىق، بوغۇز پالەچلىكى، ئېغىز يارىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. تاۋۇز تەركىبىدە ياغ ۋە خولېستېرىن بولمايلا قالماستىن، ئادەم بەدىنىگە ئېھتىياجلىق تۈرلۈك ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بار، مەسىلەن: مىنېرال تۇز، گىلۇكوزا، مېۋە كىسلاتاسى، مېۋە قەنتى، ئاقسىل، ئامىنو كىسلاتاسى، توماتىن، ۋىتامىن C، مېۋە يىلىمى قاتارلىقلار. ئەمما تاۋۇزنىڭ تەبىئىيىتى سوغۇق، شۇڭا بىر قېتىمدا كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

  ئىككىنچى، كۆك كاۋا. كۆك كاۋىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، ئىسسىق قايتۇرۇش، تال قۇۋۋەتلەش، سۈيدۈك ھەيدەش، ھۆللۈكنى يوقىتىش رولى بار. سۈيدۈك راۋان بولماسلىققا كۆك كاۋا شورپىسى مەنپەئەت قىلىدۇ، ياشانغانلاردا ياز پەسلىدە ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە كۆك كاۋا، نېلۇپەر ئۇرۇقى، گۈلسامساق ۋە ئۆردەك گۆشىنى شورپا قىلىپ ئىچسە، ئىسسىقنى ھەيدەپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ. كۆك كاۋا شۆپىكىنى قاينىتىپ ئىچكەندە يېنىك دەرىجىدىكى سۇلۇق ئىششىقنى داۋالىغىلى بولىدۇ. دىيابېت بىمارلىرى تومۇز كۈنلەردە كۆك كاۋىنى كۆپرەك يەپ بەرگىنى ياخشى، خام كۆك كاۋىنى ئېزىپ شەربەت قىلىپ ئىچىپ بەرسىمۇ، ياكى خام كۆك كاۋا شۆپىكىنى 300 گىرام سۇ بىلەن قاينىتىپ چاي قىلىپ ئىچسىمۇ ئىسسىق ئۆتۈپ قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. كۆك كاۋىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولغاچقا تال ۋە ئاشقازان ئىقتىدارى ياخشى ئەمەسلەر ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك، ئۇزۇن كېسەل تارتقان ئادەملەرمۇ كۆك كاۋا يېمەسلىكى كېرەك.

ماتېرىيال سۈرەت

  ئۈچىنچى، تەرخەمەك. تەرخەمەك تەركىبىدە ۋىتامىن A، ۋىتامىن C، كالتسىي، تۆمۈر قاتارلىق تەركىبلەر مول، بولۇپمۇ كالىي ماددىسى ئىنتايىن مول بولۇپ، ئىسسىقنى ھەيدەش رولى ياخشى. دائىم تەرخەمەك يېگەندە ئۈچەي ۋە ئاشقازان يولىدىكى چىرىندى يېمەكلىكلەرنى تازىلاپ، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق. بولۇپمۇ، دائىم گېلى قۇرۇيدىغانلار تەرخەمەكنى مېۋە ئورنىدا خام ئىستېمال قىلىپ بەرسە ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ. تەرخەمەكنى خام يېيىشكىمۇ، قورۇپ يېيىشكىمۇ ماس كېلىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

  تۆتىنچى، ئاغىچىيۇغۇچ(丝瓜). «دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى»دا ئاغىچىيۇغۇچ ئىسسىقنى ھەيدەپ، ئۈچەينى راۋانلاشتۇرىدۇ، دەپ خاتىرىلەنگەن. ئىسسىق ياز كۈنلىرى ئاغىچىيۇغۇچتىن تەييارلانغان شورپا ئىچىپ بەرگەندە ئىسسىقنى قايتۇرىدۇ، يۈرەكتىكى ئىسسىقنى ھەيدەيدۇ، ئاشقازان قىزىش كېسىلى، ھۆل ئىسسىقتىن بولغان تولغاق، قۇسۇش، ئىچ سۈرۈش، قان سىيىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. ياز كۈنلىرى ئىسسىقلىق ئۆرلىگەندە ئاغىچە شەربىتى ئىچىپ بەرسە قاننى سوۋۇتۇپ، ئىسسىقنى قايتۇرىدۇ. ئاغىچە پېلىكىنىڭ پەينى چېڭىتىپ، قاننى جانلاندۇرۇش، يۆتەلنى توختىتىپ، بەلغەم بوشىتىش، تالنى ساغلاملاشتۇرۇش رولى بار. ئاغىچە يوپۇرمىقىنى سىرتتىن ئىشلەتكەندە قاننى توختىتىپ، ياللۇغ قايتۇرىدۇ، ئىچىدىن ئىشلەتكەندە ئىسسىق قايتۇرۇپ، زەھەر ھەيدەيدۇ، تولغاق، يەل تاشما، نېرۋا خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى قاتارلىقلارنى داۋالايدۇ. ئاغىچە شەربىتى گال ئىششىپ ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

  بەشىنچى، ئاچچىق كاۋا. ئاچچىق كاۋىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولغاچقا، ئىسسىق قايتۇرۇپ، زەھەر ھەيدەش رولى ياخشى. ئاچچىق كاۋا يەنە ئىسسىق ئۆتۈپ قىلىش، تولغاق، يامان يارىغا مەنپەئەت قىلىدۇ، ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ، ئاچچىق كاۋا تەركىبىدە ۋىتامىن C ئىنتايىن مول بولۇپ، قان بۇزۇلۇش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئورگانىزملارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئاچچىق كاۋا تەركىبىدە ئىنسۇلىنغا ئوخشاپ كېتىدىغان ماددا بولۇپ، قان شېكىرىنى چۈشۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ، ئاچچىق كاۋا دىيابېت بىمارلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك يېمەكلىكى بولالايدۇ. ئاچچىق كاۋا تەركىبىدە كاروتېن، رىبوفلاۋىن، كالتسىي، تۆمۈر، فوسفور قاتارلىق مىنېرال ماددىلارنىڭ تەركىبىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى. ئاچچىق كاۋا ئادەتتە پېلەكلىك زىرائەتلەر ئىچىدە تەبىئىتى ئەڭ سوغۇق، شۇڭا ھامىلىدارلار ۋە تال-ئاشقازىنى سوغۇقتىن ئاجىزلاشقانلار ئاز يېيىشى كېرەك.

ماتېرىيال سۈرەت

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ