ئەنگلىيەلىك بىر جۈپ ئەر-ئايال دېۋونشىرې يېزىسىدىكى بىر باراقسان تاغ جىلغىسى ئورمانلىقىدا دەرەخ ئۆي ياسىغان بولۇپ، ئەنگلىيەدىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك ياغاچ ئۆي، دەپ تەرىپلەنگەن، مەزكۇر ياغاچ ئۆينىڭ بىر ھەپتىلىك ئىجارە ھەققى 1665 پۇندستېرلىڭ (تەخمىنەن 14 مىڭ 700 يۈەن) بولۇپ، بۇ ئۆي 2019-يىل 10-ئايغىچە زاكاز قىلىنىپ بولغان.
بۇ دەرەخ ئۆينى كىئېران ۋە خېلېن ئەر-ئايال ئىككىيلەن بىرلىكتە ياسىغان. ئۇلار بۇ ئۇسلۇبى ئۆزگىچە بولغان ئىستىراھەت مېھمانسارىيىنى ياساش ئۈچۈن، بەش يىل سەرپ قىلىپ كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇن تاللىغان، ئۇلار ئاخىرى دېۋونشىرېدىن ئەڭ ياخشى ئورۇن تاپقان.
بۇ دەرەخ ئۆي تاغ جىلغىسىنىڭ بىر تەرىپىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 300 مېتىر كېلىدىغان جايغا سېلىنغان بولۇپ، كۆلىمى 74 كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن. يىراققا نەزەر سالغاندا قارشى تەرەپتىكى مەنزىرىلەرنى كۆرگىلى بولىدىكەن. قىش پەسلىدە، ياغاچ ئۆيدىن ھەتتا دېڭىز ۋە ۋېلشنى كۆرگىلى بولىدىكەن.