تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئالاقە تورى+» خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى

  مېۋىچىلىكنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش . شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ①

  8 – ئاينىڭ 6 – كۈنى، باغۋەنلەر تۇرپان شەھىرى شىنجاڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى (تۇرپان) ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت رايونىنىڭ سودا زالىدا شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش ئەھۋالىنى كۆرمەكتە.

  مۇخبىرىمىز جېن شىشىن فوتوسى

  مۇخبىرىمىز شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ مېۋىچىلىك گۇرۇھى دېيىلىدۇ) ‹‹ئالاقە تورى+››غا تايىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروت سىستېما قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئىمكانىيەت بىلەن تەمىنلىدى.

  مېۋە – چېۋىنى ۋەكىل قىلغان شىنجاڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەۋزەللىكى كۆرۈنەرلىك بولسىمۇ، ئەمما بازارنى بىلىش دەرىجىسى تۆۋەن بولۇش، ئوبوروت سىستېمىسى تەرەققىي قىلماسلىق، ئەۋزەللىك يېتەرلىك قېزىلماسلىق، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ كۆز قارىشى ئارقىدا قېلىش قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت.

  يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقا كۆرۈنۈشىدە، مېۋىچىلىك گۇرۇھى مەبلەغ سېلىپ ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت رايونى قۇرۇپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى ۋە تېخنىكا ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئالاقە تورى ئارقىلىق كىچىك دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاشتۇرۇپ، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ كەنتتىن چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ‹‹چىقالايدىغان، ياخشىلىرى چىقىدىغان، ياخشى سېتىلىدىغان›› بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مېۋىچىلىك گۇرۇھى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق، شىنجاڭ ھۆل ئاق كىشمىش ئۈزۈمىنى تۇنجى قېتىم شىنجاڭدىن چىقاردى، توردا بەش سائەتتە 32 توننا ھۆل ئاق كىشمىش ئۈزۈمى سېتىلدى؛ شىنجاڭنىڭ پاختىسى، تور پاختىسى تۇنجى قېتىم ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق سېتىلىپ، 110 مىڭ كارىۋاتلىق يەككە مەھسۇلات سېتىلىپ، سېتىلىش سوممىسى 10 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، ‹‹ئالى بابا›› گۇرۇھىنىڭ تىجارەت تىپىك مىسالىغا ئايلاندى؛ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ گۈرۈچى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق 100 مىڭ يەشىك سېتىلىپ، شۇ يىلى دېھقانلار 28 مىليون يۈەن ئارتۇق كىرىم قىلدى... شىنجاڭنىڭ توردا سېتىلغان خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى 4000 نۇسخىدىن ئېشىپ، 2017 – يىلى تور سودا سوممىسى 950 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ تاۋ مۇنداق دېدى: ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمىتى رايونى تور ئىچى – سىرتى، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى – سىرتىدىكى بازارلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، دېھقانلار بىلەن بازارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش – سېتىشىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتتى ھەم نۇرغۇن سانلىق مەلۇماتنى ئانالىز قىلىش ئاساسىدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تېرىقچىلىقى يېتەكچىلىكى ۋە ئوبوروت يېتەكچىلىكى ئۇچۇرىغا ئىگە بولۇپ، دېھقانلارنى ئەڭ ئەلا تەدبىرلەردىن پايدىلىنىش ۋە بازار تاللاش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  بۇ يىل شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توردا تونۇشتۇرۇشنى تۇنجى قېتىم ‹‹2018 – يىللىق شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئېچىش خىزمىتى لايىھەسى››گە كىرگۈزۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرىنى كىچىك دېھقان ئائىلىلىرى، تېرىقچىلىق بازىلىرى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى قاتارلىقلار بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېزىلارنىڭ سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىپ، كۇرسلۇق مەھسۇلات ئېڭىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ‹‹سېتىش قىيىن بولۇش›› مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

  شىنجاڭ مېۋىچىلىكى ‹‹داتاڭ›› يىپەك يولى ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە باش مۇدىرى ياڭ يۇڭشياڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كەنتتىن چىقىرىشتا چوقۇم ‹‹ئالاقە تورى+››غا تايىنىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىدىن پايدىلىنىش كېرەك، ئۇ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن بازار ئېھتىياجىنى دەل ماسلاشتۇرۇشقا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، ئوبوروت يولىنى قايتا بەرپا قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋاقىت، بوشلۇق چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ.

  ھازىر، مېۋىچىلىك گۇرۇھى ‹‹ئالى بابا›› گۇرۇھى ۋە ‹‹جىڭدۇڭ›› گۇرۇھى بىلەن ھەمكارلاشقان 2 – قارارلىق توردا تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى پىلانلاۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى(تۇرپان) ئېلېكتىرونلۇق سودا رايونىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭدىكى خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونىنى مەبلەغ سېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ سىرتىدىكى سېتىش يوللىرىنى پائال كېڭەيتىپ، ئۈچ يىلدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭ ئىچىدە سېتىۋېلىش تورى ۋە شىنجاڭ سىرتىغا سېتىش تورىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ