يەر شارى تورى خەۋىرى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 8-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 34 ياشلىق سىنسىيا ئارنولد ئائىلىسى ئامېرىكىنىڭ مونتانا ئىشتاتى بورسىن ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق بولۇپ، سىنسىيا كىچىكىدىن تارتىپلا يېنىك ئاتلېتكا تەنھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ياخشى كۆرۈپ كەلگەن، بۇ يىل 7-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇ ئۈچ بالىسىنى سالغان ھارۋىنى ئىتتىرىپ يۈگۈرۈپ، مىسسولا ناھىيەسىنىڭ يېرىم مۇساپىلىك مارافۇنچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنى تاماملىغان. ئىلگىرى بىر ئانا ئۈچ بالىسىنى ئىتتىرىپ، يېرىم مۇساپىلىك مارافۇنچە يۈگۈرۈشنى 1 سائەت 47 مىنۇتتا تاماملاپ، دۇنيا رېكورتى ياراتقان بولۇپ، سىنسىيا 1 سائەت 29 مىنۇتتا بۇ مۇسابىقىنى تاماملاپ بۇ رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىغان.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇ مۇسابىقىگە پەقەت دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بالىلىرىغا كىچىكىدىن ئاكتىپ، ساغلام تۇرمۇش كەچۈرۈش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش مەقسىتىدە قاتناشقان. ئۇ: «بالا بولغانلىقى ئۈچۈن ئاكتىپ، ساغلام تۇرمۇشىمىزنى قۇربانلىق قىلساق بولمايدۇ، بالىلارغا چېنىقىشنىڭ تولىمۇ قىزىقارلىق ۋە كۆڭۈللۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇشىمىز كېرەك» دېگەن.