تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە قەتئىي چىڭ تۇرىمەن

ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتى پارتگۇرۇپپىسنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر زۇلپىيە ئابدۇقادىر

   ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى ھە دەپ تارقىتىپ، شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، ‹‹مىللەت›› بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ‹‹دىن›› تونىغا ئورىنىۋېلىپ، ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى ماھىيىتىنى كۈچىنىڭ بارىچە يوشۇرۇپ، جېنىنىڭ بارىچە بىزدىن ئاممىنى، بازىنى، كىشىلەر قەلبىنى تالاشتى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ بۆلگۈنچىلىك، سىڭدۈرمىچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى ئالدىدا، بىز چوقۇم مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ توغرا تارىخى ئارقىلىق ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ تارىخنى ئۆزگەرتىش، سەپسەتە ئويدۇرۇپ چىقىشتەك ھەقىقىي ئەپت–بەشىرىسىنى تولۇق ئاشكارىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك.

   شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، شىنجاڭ ھازىر يەنىلا ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىزنى يوقىتىش نىيىتىدىن يانماي، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىدىن ئىبارەت بۇ سەپسەتىدىن پايدىلىنىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە توختىماي ‹‹ئوت قۇيرۇقلۇق قىلىپ››، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇندى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ تەلۋىلەرچە ئىغۋاگەرلىكى ئالدىدا، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەرگىز چەتتە قاراپ تۇرغۇچىلاردىن بولماي، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ‹‹مۇشتۇم››نى چىڭ تۈگۈپ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە ئەجەللىك زەربە بېرىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قەتئىي قوغدايمەن.

   ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. ‹‹تۆت ئاڭ››نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، توغرا نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاڭلىق ھالدا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى بىلەن كاللامنى قوراللاندۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلىپىگە ئاساسەن، خىزمەتنى پۇختا، ئۈنۈملۈك ئىشلەش ئارقىلىق ئاممىنى تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىپ ۋە مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى توپلايمەن.

   باشلامچىلىق بىلەن داۋاملىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن. ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ قىلىشنىڭ ئىدىيە تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ، باشتىن–ئاخىر باش نىشاننى چۆرىدەپ، دىققىتىمنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، داۋاملىق ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ توغرا تارىخى ئارقىلىق ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىگە تىغمۇ تىغ رەددىيە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش ئەزالىرى ئىكەنلىكى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكى، شىنجاڭنىڭ كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون ئىكەنلىكىدەك تارىخىي پاكىتلارنى ئېنىق سۆزلەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى خاتا ئىدىيە پىكىر ئېقىمىنىڭ يىلتىزىنى كۈچەپ چوڭقۇر قېزىشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› خاتا ئىدىيەسىنىڭ زەھىرىنى قەتئىي تازىلاپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق–مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىدىيەۋى سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەيمەن.

   باشلامچىلىق بىلەن ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىش توغرىسىدىكى قاتتىق تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹پەي–قانات››نى ئاسرايدىغان ئىشنى قىلماي، ھەرۋاقىت كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ، ھەق–ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي تارتىپ چىقىپ، پاكپاكىز تازىلاپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەردىن ئىبارەت بۇ زەھەرلىك ئۆسمىنى قەتئىي كېسىپ تاشلاپ، شىنجاڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ ساپ مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن.

   باشلامچىلىق بىلەن ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ئالاقىلىشىشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمەن. ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىدىن ئىبارەت بۇ ۋاسىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا شىنجاڭنىڭ تارىخىنى ئاكتىپ تەشۋىق قىلىپ، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسى ھەم ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ جىنايى ماھىيىتى ۋە رەزىل نىيىتىنى تولۇق ئېچىپ تاشلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى كۈچەيتىشكە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ