تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

غەينۇلا كەسپى پەيزاۋات دېھقانلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىنى كېڭەيتتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ ۋا

 8–ئاينىڭ 10–كۈنى، پەيزاۋات ناھىيەسى يېڭىمەھەللە يېزىسى ئاياغ كېپىنەك كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئەركىن نۇرئەمەت بېغىدىكى كىشىنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدىغان غەينۇلاغا قاراپ خۇشال ھالدا: بۇلتۇر 20 مو بېغىمدىكى غەينۇلانى 200 نەچچە مىڭ يۈەنگە ساتقانىدىم، بۇ يىللىق كىرىمىممۇ چوقۇم ئاز بولمايدۇ. بۇ بىر نەچچە يىلدا، مەن غەينۇلا تېرىشقا تايىنىپ، كىرىمىمنى ئاشۇردۇم، ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ ئىككى تىراكتور سېتىۋالدىم، يەنە 160 كىۋادرات مېتىرلىق يېڭى ئۆي سالدىم، دېدى. ئەركىن نۇرئەمەت ماڭا كەنتتىكى نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش غەينۇلا تېرىشقا تايىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىغا ماڭغانلىقىنى ئېيتتى.

 غەينۇلا ئەسلىي فىرانسىيەدىن چىقىدىغان بولۇپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا، قەشقەر ۋىلايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۇرۇق كىرگۈزۈپ سىناق قىلىپ تېرىپ، ‹‹غەينۇلا›› دەپ ئىسىم قويغان.

 پەيزاۋات ناھىيەسى غەينۇلا چىقىدىغان ئاساسلىق جايلارنىڭ بىرى، ئون نەچچە يىل يېتىشتۈرۈش، يۆلەش ئارقىلىق ھازىر غەينۇلا كەسپى پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ خەلقنى بېيىتىپ، ناھىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلىنىپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

 پەيزاۋات ناھىيەسى غەينۇلا كەسپىنى پەيزاۋات قوغۇنى ماركىسىدىن كېيىن نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرىدىغان گۈللىنىۋاتقان كەسىپ قىلىپ، مالىيەدىن نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى، تۈر مەبلىغىنى بىرىكتۈرۈپ، غەينۇلا كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 300 مودىن ئارتۇق ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن غەينۇلا تېرىش ئۈلگە بېغىدىن ئالتىنى بەرپا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئورمانچىلىق پەن–تېخنىكا تارماقلىرى ھەر يىلى پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ ئاساسىي قاتلام كادىرى، تېخنىك تايانچلىرى ۋە تېرىقچىلىق ئائىلىسىدىن 15 مىڭ ئادەم (قېتىم) تەربىيەلەپ، ھەربىر تېرىقچىلىق ئائىلىسىدە بىردىن ‹‹تېخنىكا بىلىدىغان كىشى›› بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ غەينۇلا كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ياردەم بەردى.

   پەيزاۋات ناھىيەلىك تەمىنات–سودا كوپىراتىپىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ شياۋمىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پەيزاۋات ناھىيەسى غەينۇلا كەسپىنىڭ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، بىر تۈركۈم باشلامچى كارخانىلارنى غەينۇلا پىششىقلاشنى راۋاجلاندۇرۇشقا جەلپ قىلىپ، ئاشۇرما قىممەتنى ئۆستۈرۈپ، غەينۇلا ئىچىملىكى، بالقاق، ھاراق قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش–سېتىش زەنجىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، غەينۇلا سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپلا قالماي، يەنە يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى. ئۇنىڭدىن باشقا، پەيزاۋات ناھىيەسى سۈپەت ئۆتكىلىگە قاتتىق تەلەپ قويدى، ئالاقىدار تارماقلار غەينۇلا ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، دەرىجىگە ئايرىش، ئوراپ قاچىلاش، سېتىش قاتارلىق پۈتۈن جەرياندا سۈپەتنى نازارەت قىلدى ھەم بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، شېنجېن قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ بازىرىنى ئاچتى.

   يۇقىرى سۈپەتلىك غەينۇلا جايلاردىكى سودىگەرلەرنى ئىشىك ئالدىغا بېرىپ تالىشىپ سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلدى. بۇ ناھىيەنىڭ يېڭى مەھەللە يېزىسى باش يېڭىمەھەللە كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئەشرەپ تۇرسۇن بېغىدىكى غەينۇلىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر سەككىز مو يېرىمدىكى غەينۇلا پىشماي تۇرۇپلا سودىگەرلەر ھەممىنى زاكاز قىلىپ، 120 مىڭ يۈەن تاپتىم، بۇ نەچچە يىلدىن بۇيان، غەينۇلا پىشىشتىن بۇرۇنلا بەزى سودىگەرلەر بۇ يەردە ساقلاپ تۇرۇپ غەينۇلا سېتىۋالىدىغان بولدى. كەنت ئاھالىلىرى سودىگەرلەرگە ياردەملىشىپ غەينۇلا ئۈزۈپ، كۈنىگە 100 يۈەن پۇل تاپالايدىغان بولدى.

   پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ غەينۇلا تېرىش كۆلىمى ھازىر 230 مىڭ موغا يېقىنلىشىدۇ، مېۋە بەرگەن غەينۇلا كۆلىمى 130 مىڭ مو. بۇلتۇر پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ غەينۇلا ھوسۇلى 50 مىڭ توننىغا، غەينۇلانىڭ مو بېشى كىرىمى ئەڭ كۆپ بولغاندا 20 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، پەيزاۋات دېھقانلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىكى ‹‹تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ››كە ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ