تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇجەسسەملەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەيمەن

قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رەئىس پاشاگۈل سەدىردىن

  شىنجاڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىر يۈرۈش ئەكسىيەتچىل ئىدىيە سىستېمىسىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، بىزدىن بازا، ئەلرايى، ئاممىنى تالىشىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا، مەدەنىي ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئۇلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.

  ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، تارىخىي ئىنكارچىلىق بىلەن ھە دەپ شۇغۇللىنىپ، جۇڭگو تارىخىدىكى مەركىزىي ھۆكۈمەتلەرنىڭ شىنجاڭنى باشقۇرۇپ ۋە ئىدارە قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى. بۇ خاتا ئىدىيە ئېقىملىرىنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭدىكى قىسمەن كادىر، ئامما ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبىدىن ئېتىراپ قىلىشتىن چەتنەپ كەتكەچكە، ئىدېئولوگىيە ساھەسى بازىسى بىر مەھەل قولدىن كەتتى. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، نېمىشقا مۇشۇنداق مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ؟ قانداق قىلغاندا بۇ ھالەتنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە دائىم ئويلىنىمەن.

       پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى بىر يۈرۈش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش، مەخسۇس تۈزەشتە باسقۇچ خاراكتېرلىك غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلار، زوراۋان – تېررورچىلار ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە تېگىشلىك زەربە بېرىلدى، پەردە ئارقىسىغا يوشۇرۇنۇۋالغان بىر تۈركۈم ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ئاشكارىلاندى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدىن ئىبارەت بۇ ‹‹زەھەرلىك ئۆسمە›› مەلۇم دەرىجىدە كېسىپ تاشلاندى. لېكىن، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› تارقاتقان ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› قاتارلىق خاتا ئىدىيەلەرنىڭ تەسىرى تېخى تۈگىتىلگىنى يوق. ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› قاتارلىق خاتا ئىدىيەلەرنى يىلتىزىدىن تەلتۆكۈس تازىلاشتا، بىز چوقۇم پاكىتنى ئاساس، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، شىنجاڭ تارىخىنى توغرا تونۇپ، توغرا قاراشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك قىلىش مەقسىتىدە تارقاتقان ئەكسىيەتچىل ئىدىيەسى ۋە سەپسەتىسىنىڭ تەسىرىنى ئۈزۈل – كېسىل تازىلىشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە جۇڭگونىڭ بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئاچتى، كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى ئورتاق بەرپا قىلدى. تارىختا شىنجاڭ رايونى بۆلۈنۈپ تۇرۇش ئەھۋالى كۆپ قېتىم كۆرۈلدى، لېكىن ئاخىرقى ھېسابتا قايتىدىن بىر تۇتاش باشقۇرۇشقا يۈزلەندى، شىنجاڭ رايونىنىڭ باشتىن – ئاخىر جۇڭگونىڭ تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىدەك بۇ پاكىتتىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ.

  شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش ئەزالىرى، ئۇلار ئۇزاق تارىختىن بۇيان جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، تەقدىرداش بولۇپ، چەت ئەلنىڭ ھاقارەت قىلىشىغا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا تولۇقلاپ، مەدەنىيەت جەھەتتە يۇغۇرۇلۇپ، سىياسىي جەھەتتە باشتىن – ئاخىر بىر جۇڭگونى قەلبىدىن ئېتىراپ قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى شەكىللەندۈردى.

  شىنجاڭ قۇرۇقلۇق يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى، تۆت چوڭ مەدەنىيەت ئۇچراشقان جاي، ئەزەلدىن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى دەرۋازا ۋە ۋاسىتە بولۇپ كەلگەن. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى غەربىي يۇرت مەدەنىيىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئالماشتۇرۇلۇشى، يۇغۇرۇلۇشى ھەم شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، ھەم كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈردى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى باشتىن – ئاخىر شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ھېسسىيات يۆلەنچۈكى، قەلب ماكانى، مەنىۋى يۇرتى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتى يىلتىز تارتقان مۇنبەت تۇپراق ھەم ئۇنىڭ تەرەققىي قىلىشى، يۈكسىلىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى. دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى قوللىنىش شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش، گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى.

  شىنجاڭ كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان رايون. ئۇيغۇرلار تارىختا كۆپ خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغان، ئىسلام دىنى ھەم ئۇيغۇرلار ئەلمىساقتىن تارتىپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەنلا دىن ئەمەس، ھەم بىردىنبىر ئېتىقاد قىلغان دىنمۇ ئەمەس. دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى دىن ئەمەس، بەلكى مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇقنىڭ ئىدىيە ئاساسى.

  زىيالىي ھەم پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئالدى بىلەن ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزىمەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدايمەن. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە باشتىن – ئاخىر مەيدانىمنى مۇستەھكەم، بايرىقىمنى روشەن قىلىمەن. تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭ بىرىنچى مەسئۇلىيىتىم ۋە شەرەپلىك بۇرچۇم كەڭ ئاممىنى مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىش، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› ۋە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىشكە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش. مەن ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا ئىدىيەۋى قاراش تۇرغۇزۇشقا، ئىممۇنىتېت كۈچى ۋە پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشكە تەربىيەلەيمەن ۋە يېتەكلەيمەن. مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر خىل خاتا ئىدىيەنىڭ تەسىرىنى قەتئىي توسۇپ ۋە تۈگىتىپ، كەڭ ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ قايمۇقتۇرۇشى، ئالدىشى ۋە پايدىلىنىشىدىن قەتئىي ساقلىنىپ، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› قاتارلىق خاتا ئىدىيە ۋە سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەيمەن. مەن يەنە ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرى ئىجادىيىتى، نەشر قىلىش، تارقىتىش، ئالماشتۇرۇش، كۆرگەزمە قىلىشتا تەكشۈرۈپ ئوقۇش ئۆتكىلىنى ئىگىلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەيمەن، ھەر خىل نەشر بۇيۇملىرىنىڭ يېتەكلەش ئۆتكىلى، سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئىدىيە جەھەتتىن سىڭىپ كىرىشىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىقتىدارىمنى ئۆستۈرىمەن. مەسىلە ھەل قىلىش يۆنىلىشى ۋە تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنى بايقىغان ھامان تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتلىنىمەن، تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىشنى چىڭىتىپ، قەتئىي ھالدا ھەرقانداق خاتا ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە، تارقىلىشىغا قىلچە پۇرسەت بەرمەيمەن، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە قەتئىي ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا يېتىشكە يېڭى تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ