تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون ئادەتتىكى سودا-سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان توك باھاسىنى يەنە بىر قېتىم تۆۋەنلەتتى

 ئادەتتىكى سودا-سانائەتكە ۋە باشقا تۈرلەرگە ئىشلىتىلىدىغان ھەركىلوۋات سائەت توكنىڭ باھاسى 0.0336 يۈەن تۆۋەنلىتىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون ئادەتتىكى سودا-سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان توك باھاسىنى يەنە بىر قېتىم تۆۋەنلەتكەن، ھەر كىلوۋات سائەت توكنىڭ باھاسى 0.0336 يۈەن تۆۋەنلىتىلىش بىلەن بىللە، سېتىلىدىغان توك باھاسىنىڭ تۈرى يەنىمۇ قىسقارتىلغان.

  8 – ئاينىڭ 10 – كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى سودا – سانائەتكە ۋە باشقا تۈرلەرگە ئىشلىتىلىدىغان توك باھاسىنى تۆۋەنلىتىشكە ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى بېسىپ تارقاتتى، ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئاپتونوم رايونىمىزدا سېتىلىدىغان توك باھاسىنىڭ تۈرلەرگە بۆلۈنۈش قۇرۇلمىسى تەڭشىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان توك باھاسىدا ئاھالىلەرنىڭكىدىن باشقا يورۇتۇشقا ئىشلىتىلىدىغان توك باھاسى ئادەتتىكى سودا – سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان توك باھاسى سەۋىيەسىگە تۆۋەنلىتىلىپ، ئادەتتىكى سودا – سانائەت ۋە باشقا توك ئىشلىتىش تۈرلىرى بىرلەشتۈرۈلىدۇ؛ ئاپتونوم رايون ئادەتتىكى سودا – سانائەتكە ۋە باشقا تۈرلەرگە ئىشلىتىلىدىغان(باھاسى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىنكى ئاھالىلەرنىڭكىدىن باشقا يورۇتۇشقا ئىشلىتىلىدىغان توكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) توكنىڭ سېتىلىش باھاسى ۋە ماس ھالدا يەتكۈزۈلىدىغان – تەقسىملىنىدىغان توك باھاسى ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئادەتتىكى سودا – سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان توك باھاسى ئاساسىدا، ھەر كىلوۋات سائەت توكنىڭ باھاسى 0.0336 يۈەن تۆۋەنلىتىلىدۇ.

  ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ھازىر ئادەتتىكى سودا – سانائەت ۋە باشقا تۈرلەردىكى ئابۇنىچىلار 812 مىڭ 700 بولۇپ، 2017 – يىللىق توك ئىشلىتىش مىقدارى 14 مىليارد 953 مىليون كىلوۋات سائەت بولغان. بۇ قېتىملىق باھا تەڭشەشتىن كېيىن، ئادەتتىكى سودا – سانائەت ۋە باشقا تۈرلەردىكى ئابۇنىچىلار يىلىغا 650 مىليون يۈەندىن ئارتۇق توك چىقىمىنى تېجەپ قالىدىكەن.

  ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا يەنە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئادەتتىكى سودا – سانائەتكە ۋە باشقا تۈرلەرگە ئىشلىتىلىدىغان توكنىڭ سېتىلىش باھاسى يەنىلا 0.45 يۈەن/كىلوۋات سائەت بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

  ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: بۇ قېتىملىق تەڭشەشتىن كېيىنكى توك باھاسى سىياسىتى 2018 – يىلى 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ. توك ھەققى تاپشۇرۇپ بولغان ئابۇنىچىلارغا دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى 5 – ئايدىن باشلاپ ئەمەلىي تەكشۈرۈپ خاتىرىلەنگەن توك مىقدارىنى توك ھەققىگە سۇندۇرۇپ ھېسابلاپ قايتۇرىدۇ.

  2018– يىلى 9 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ھەق قايتۇرۇش خىزمىتى تاماملىنىدۇ. بىڭتۈەنگە قاراشلىق ئېلېكتىر تورى ۋە قاراماي شەھەرلىك نېفىت ئېلېكتىر تورى ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پايدىلىنىپ ئىجرا قىلسا بولىدۇ.

  بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونىمىزدا ئادەتتىكى سودا – سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان توك باھاسىنى تەڭشەشتە بىر قانچە يارقىن نۇقتا گەۋدىلەندى. بىرىنچىدىن، مەبلەغ كاپالەتكە ئىگە قىلىندى، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئادەتتىكى سودا – سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان توك باھاسىنى تۆۋەنلىتىش ئاپتونوم رايون مالىيەسىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتمىدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى سودا – سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان توك باھاسىنى تەڭشەش سەپلىمە مەبلىغى ئاساسلىقى ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرىنىڭ قەرەل ئاخىرىدىكى قالدۇقتىن قايتۇرغان باج سوممىسىنى بىر قېتىمدا قايتۇرۇش ۋە قومۇل – جېڭجوۋ تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسىدە باھانى تۆۋەنلىتىشتىن ھەل قىلىنغان مەبلەغ ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ، ئاپتونوم رايون مالىيەسىنىڭ يۈكى ئېغىرلىتىۋېتىلمەيدۇ.

  ئىككىنچىدىن، ئاۋۋال بىرلەشتۈرۈلۈپ ئاندىن تۆۋەنلىتىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدا سېتىلىدىغان توك باھاسى تۈرى يەنىمۇ قىسقارتىلدى. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان سېتىلىدىغان توك باھاسى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، ئاھالىلەر تۇرمۇشى، ئاھالىلەرنىڭكىدىن باشقا يورۇتۇشقا ئىشلىتىلىدىغان توك، ئادەتتىكى سودا – سانائەتكە، چوڭ سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان توك باھاسىدىن ئىبارەت بەش تۈرگە ئايرىلغان، بۇ قېتىمقى ئاھالىلەرنىڭكىدىن باشقا يورۇتۇشقا ئىشلىتىلىدىغان توك بىلەن ئادەتتىكى سودا – سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان توك بىر تۈرگە ئايرىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا سېتىلىدىغان توك باھاسى تۈرى تۆت تۈرگە قىسقارتىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىر تۈرگە ئايرىپ باھا تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدا ئوخشاش توردا ئوخشاش باھا بولۇش يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  ئۈچىنچىدىن، باھانى چۈشۈرۈش نىسبىتى بىر قەدەر چوڭ بولدى، ئاپتونوم رايونىمىز ئادەتتىكى سودا – سانائەتكە ۋە باشقا تۈرگە ئىشلىتىلىدىغان توكنىڭ مۇندەرىجىدىكى سېتىلىش باھاسىنى ئوتتۇرىچە %9تىن كۆپرەك تۆۋەنلەتتى، باھا تەڭشىلىشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىلگىرى ئادەتتىكى سودا – سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان ھەر كىلوۋات سائەت توكنىڭ باھاسى 0.508 يۈەندىن 0.515 يۈەنگىچە، جايلاردا ئاھالىلەرنىڭكىدىن باشقا يورۇتۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ھەر كىلوۋات سائەت توكنىڭ باھاسى 0.525 يۈەندىن 0.700 يۈەنگىچە ئىدى. باھا تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەتتىكى سودا – سانائەتكە ۋە باشقا تۈرلەرگە ئىشلىتىلىدىغان مۇندەرىجىدىكى سېتىلىدىغان ھەر كىلوۋات سائەت توكنىڭ باھاسى بىر تۇتاش 0.4744 يۈەندىن 0.4814 يۈەنگىچە تەڭشەلدى؛ يەتكۈزۈلىدىغان – تەقسىملىنىدىغان ھەر كىلوۋات سائەت توكنىڭ باھاسى 0.2324 يۈەندىن 0.2394 يۈەنگىچە تەڭشەلدى.

  ئېلېكتىر تورى ھالقىلىرىدىكى ھەق ئېلىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ۋاقىتلىق ئۇلانغان توك ھەققىنى بىكار قىلىش، قالدۇق ئىسسىقلىق، قالدۇق بېسىم، قالدۇق گاز ئۆزلۈكىدىن تەمىنلىنىدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسى سىستېمىلىرىنىڭ زاپاس توك ئىشلىتىش ھەققىنى تۆۋەنلىتىش، ئېلېكتىر تورى ھالقىلىرىدىكى ھەق ئېلىشقا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقاتتى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2018 – يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئېلان قىلىنغان توك ھەققىنى ئېنىقلاش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەم ئېلېكتىر تورى ھالقىلىرىدىكى خىراجەتنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق 260 مىليون يۈەندىن كۆپرەك خىراجەتنى تۆۋەنلىتىش مۆلچەرلەنگەن.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئاپتونوم رايونىمىزدا توك باھاسى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىدىغان نۇرغۇن تەدبىر يولغا قويۇلغانىدى. دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2015 – يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز سودىغا ئىشلىتىلىدىغان توك بىلەن غەيرىي ئادەتتىكى سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان توكنىڭ باھاسىنى تۆۋەنلىتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشى فوندى، شەھەر ئاممىۋى ئىشلار قوشۇمچە خىراجىتى، ئاھالىلەرنىڭكىدىن باشقا يورۇتۇشقا ئىشلىتىلىدىغان توك بىلەن ئادەتتىكى سودا – سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان توكنى بىر تۈرگە ئايرىپ باھاسىنى تۆۋەنلىتىش، ئېلېكتىر تورىدىكى ھەق ئېلىشنى ئېنىقلاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك تەدبىرلەرنى بىكار قىلغان، ئادەتتىكى سودا – سانائەتكە ۋە باشقا تۈرگە ئىشلىتىلىدىغان توكنىڭ مۇندەرىجىدىكى سېتىلىش باھاسىنى تۆۋەنلىتىش نىسبىتى %20تىن يۇقىرى بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ