كۆز قەلبنىڭ ئەينىكى، بىر جۈپ نۇرلۇق كۆز ئادەمنىڭ ھۆسنىگە ھۆسن قوشىدۇ. ئادەتتە ھامىلىنىڭ كۆزى بەش ئايلىق بولغاندا ئاساسەن تولۇق يېتىلىپ بولىدۇ. 28 ھەپتىلىك بولغاندا ھامىلىدە نۇرغا نىسبەتەن ئىنكاس پەيدا بولىدۇ، ئەمما رەڭ ۋە ئوبرازنى پەرقلەندۈرەلمەيدۇ (تۇغۇلغاندىن كېيىن رەڭ ۋە ئوبرازغا قارىتا كۆرۈش سىزىمى پەيدا بولىدۇ). تۆۋەندە ھامىلىدارلار نېمە يېسە ھامىلىنىڭ كۆزىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا توختىلىمىز.
نۇرغۇن ئانىلار يېمەكلىك قايسى ئەزاغا ئوخشىسا شۇ ئەزاغا پايدىلىق دېگەن قاراشقا ئىشىنىدۇ. مەسىلەن، ئۈزۈم كۆزگە پايدىلىق. ئەمەلىيەتتە ئۈزۈمنىڭ كۆزگە پايدىلىق بولۇشى ئۈزۈمنىڭ شەكلىنىڭ كۆزگە ئوخشىشىپ كەتكەنلىكىدە بولماستىن بەلكى ئۈزۈمنىڭ تەركىبىدە سىئانىدىن (花青素) بولغانلىقىدا، ئەمما ئۈزۈمنىڭ كۆزنىڭ يېتىلىشىگە بولغان رولى ئۇنچە چوڭ ئەمەس.
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھامىلىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولغان DHA ، ۋىتامىن A، ۋىتامىن C قاتارلىقلارنى تولۇقلاپ بېرىش كېرەك. ۋىتامىن A بىلەن ۋىتامىن C نى مېۋە ئارقىلىق تولۇقلىغىلى بولىدۇ، ئەمما DHA نى مېۋە ئارقىلىق تولۇقلىغىلى بولمايدۇ.
بىرىنچى، سەۋزە گەرچە كۆكتاتقا تەۋە بولسىمۇ، مېۋە ئورنىدا يەپ بەرسىمۇ بولىۋېرىدۇ. چۈنكى سەۋزىنىڭ تەركىبىدىكى βكاروتېن يەنى ئۆسۈملۈك ۋىتامىن A (植物维生素A) مول.
ئىككىنچى، جۈيزە، ئۆرۈك، ئەبنۇس قاتارلىق سېرىق رەڭلىك مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە β كاروتېن يەنى ئۆسۈملۈك ۋىتامىن A مول. ئۆسۈملۈك تەركىبىدە ۋىتامىن A يوق، پەقەت ۋىتامىن A غا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ماددا بار يەنى β كاروتېن. β كاروتېن بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن ۋىتامىن A غا ئايلىنىدۇ.
ئۈچىنچى، ئالقات قېقىنىڭ كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش ئۈنۈمى بار بولۇپ، ھامىلىدارلار چايغا سېلىپ ئىچسە بولىدۇ.
تۆتىنچى، لىمون، بۆلجۈرگەن، مايمۇن شاپتۇلى قاتارلىق مېۋىلەردە ۋىتامىن C مول بولۇپ، كۆزگە ئىنتايىن پايدىلىق.
بەشىنچى، ئېيىق ئۈزۈمىنىڭ تەركىبىدە سىئانىدىن (花青素) بار بولۇپ، كۆزنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوكسىدلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.