تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايمەن

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى تەرجىمە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى نۇرگۈل كېرەم

  باش شۇجى شى جىنپىڭ: شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك، دەپ كۆرسەتتى. پاكىتلار شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، بىرلىك ۋە تەرەققىيات باشتىن – ئاخىر شىنجاڭ تارىخىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى، شۇنداقلا ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تەلپۈنۈشى ۋە ئىنتىلىشى بولۇپ كەلدى.

  شىنجاڭ ئېلىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، تارىختا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە جۇڭگونىڭ بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئېچىپ، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى ئورتاق بەرپا قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 60 – يىلى، غەربىي خەن سۇلالىسى ‹‹غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى››نى تەسىس قىلغان، بۇ، شىنجاڭنىڭ رەسمىي ھالدا جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلانغانلىقىنىڭ بەلگىسى. شۇنىڭدىن بۇيان، شىنجاڭ باشتىن – ئاخىر ۋەتىنىمىز قوينىدا بولۇپ كەلدى.

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن – ئاخىر شىنجاڭغا رىشتە باغلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈردى، 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 – يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى، بىر قاتار مۇھىم سۆزلەرنى قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى شەرھلەپ، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، ئۇنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدا ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات – باي، مەدەنىي – ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كېلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى داۋاملىق ياخشىلىنىپ، ھەر مىللەت ئامما ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتى.

  ئەمما، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋەتىنىمىزنىڭ قۇدرەت تېپىشىنى، شىنجاڭنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى كۆرۈشنى خالىماي، شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىپ چىقىشقا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدىن ئايرىپ چىقىشقا ئۇرۇندى، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئېغىر زىيان سېلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى رەزىل نىيىتىنى تولۇق ئاشكارىلىدى. ھازىر، شىنجاڭ يەنىلا ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› ئالاھىدە تارىخىي مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشى ئۇزاق مۇددەتلىككە، مۇرەككەپلىككە، ئۆتكۈرلۈككە ئىگە. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش نۆۋەتتىكى خىزمەتلەر ئىچىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمەن، ئۇلارنىڭ ھىيلە – نەيرەڭلىرى ھەرگىز ئىشقا ئاشمايدۇ، ئۇلارنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشى ئەڭ ئاخىرىدا چوقۇم ھەققانىيەتنىڭ سورىقىغا تارتىلىدۇ.

  مەن كومپارتىيە ئەزاسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، پارتىيەنىڭ تەربىيەسى ۋە يېتىشتۈرۈشىدە پارتىيەلىك كادىر بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدىم. مەن ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولىمەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققىتىمنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە باشتىن – ئاخىر بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، ئىچىم بىلەن تېشىمنى بىردەك قىلىمەن. ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل – پاراسىتىم ۋە كۈچۈمنى بېغىشلايمەن.

  پارتىيەنىڭ تەرجىمە خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ‹‹ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەش›› توغرىسىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش›› توغرىسىدىكى ئېنىق تەلىپىگە ئاساسەن، كاللامنى ھەر ۋاقىت سەگەك تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ تەرجىمە بازىسىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغدايمەن. قولۇمدىكى قەلەمنى ھەر ۋاقىت چىڭ تۇتۇپ، تەرجىمىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئۆتكىلى، سېلىشتۇرۇش ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، خاتا ئىدىيەنىڭ تەرجىمە خىزمىتىگە تەسىر كۆرسىتىشىگە، ئۇنى چىرىتىشىگە قەتئىي يول قويمايمەن. ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن – نىزاملارنى ئاكتىپ تەشۋىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇننى بىلىش، قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇندىن پايدىلىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان لاياقەتلىك پۇقرالاردىن بولۇشقا يېتەكلەيمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەرجىمە خىزمەتچىلىرىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇشتىكى ئۈلگىلىك رولىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇپ، پائال ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ تارقاتقۇچىسى ۋە ئەۋج ئالدۇرغۇچىسى بولىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ