تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە خەۋپسىزلىكىنى قەتئىي قوغدايمەن

   دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ئەسقەر ئەخمەت

  شىنجاڭ ئېلىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، ھەر مىللەت قېرىنداشلار بۇ بىپايان، مۇنبەت زېمىندا ئىناق – ئېجىل ئۆتۈپ كەلمەكتە. پارتىيەنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ۋاھالەنكى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ‹‹مىللەت››، ‹‹دىن››نى دەستەك قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك قوزغاپ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىگە ئېغىر زىيان سېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى.

  پارتىيەنىڭ كۆيۈنۈشى ۋە يېتىشتۈرۈشىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايرىقىم روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈشى، سەمىمىي ئۈمىدىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرىمەن، توغرا ئىگىلەيمەن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغۋار ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىدىغان يادرولۇق كۈچنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىكەنلىكىنى، جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭلا پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يېتەكلەپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىنى ئېسىمدە چىڭ ساقلايمەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز بولمىسا، شىنجاڭنىڭ بۈگۈنكى گۈللىنىشى، تەرەققىياتى بولمايتتى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى بولمايتتى، مېنىڭمۇ ئۆسۈپ يېتىلىشىم، ئىلگىرىلىشىم بولمايتتى.

  ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق — بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق — ئاپەت، مۇقىملىق بولغاندىلا تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلاشقاندىلا بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيمىز. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نى تەلتۆكۈس يوقاتقاندىلا شىنجاڭ جەمئىيىتى ئەمىن تاپىدۇ، تەرەققىيات ئۈچۈن ياخشى شارائىت ھازىرلىغىلى بولىدۇ، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشىيالايدۇ. مەن چىن قەلبىمدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، يۈكسەك ئاڭلىق سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تارىخىي بۇرچ ۋە دەۋر مەسئۇلىيىتىنى زىممەمگە ئېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە قورقماي مېڭىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، بايرىقىم روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ھەقىقىي قوغدايمەن. ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيمەن، ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تۇرمۇشۇمدا، خىزمىتىمدە، ئۆگىنىشىمدە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

  ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە باشتىن – ئاخىر تونۇشتا مۈجمەل بولمايمەن، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولمايمەن، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەيمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ھايات – ماماتلىق كۈرەشتە بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىپ، زەربىدارلىق بىلەن باشلامچى بولۇپ، ئۈلگە بولۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا بىر كىشىلىك كۈچۈمنى قوشىمەن.

  ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىش، تارىخنى بۇرمىلاش، ساختىلىق ئويدۇرۇپ چىقىرىشتەك سەپسەتىلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن تازىلاپ، ئۇلارنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئاڭلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ باشلامچىسى بولىمەن؛ بايرىقىم روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىيدا زېرەك ئادەم بولۇپ، مۇستەھكەم سىياسىي مەيداننى ئۆزۈمگە بىرىنچى تەلەپ قىلىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن؛ سىياسىي جەھەتتىكى چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى مەڭگۈ ساقلايمەن؛ مەسئۇلىيىتىمنى دادىللىق بىلەن ئادا قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغدايمەن، بولۇپمۇ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئىشلىرىنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە، دىققىتىمنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيىتىمدە كۆرسىتىپ، خىزمەت ئورنۇمدا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىمەن؛ ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، كادىرلار، ئاممىغا بولغان تەشۋىق – تەربىيە مەسئۇلىيىتىمنى ئاڭلىق زىممەمگە ئېلىپ، كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيەگە، ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئېڭىنى كۈچەيتىشىگە باشلامچىلىق قىلىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، قانۇن – نىزاملارغا قەتئىي رىئايە قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا خىزمەت ئورنۇمنى بازا بىلىپ ساقلاپ، خىزمىتىمنى كەسپىم بىلىپ ئىشلەپ، تۆھپە قوشۇشنى تېگىشلىك ئىشىم دەپ قاراپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولغان سىياسىي خىسلىتىمنى نامايان قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ