تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شىنجاڭ بانكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى پىكىر ئېلان قىلىپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى قوللىدى

  ۋاڭ يۇڭفېينىڭ 8 – ئاينىڭ 9 – كۈنى شىنجاڭ بانكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا شىنجاڭ بانكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى ‹‹شىنجاڭ بانكا كەسپىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى قوللاش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى›› (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹يولغا قويۇش پىكرى›› دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلغان. ‹‹يولغا قويۇش پىكرى››دە، بانكا كەسپى يۆلەش – ئېچىش پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىدىكى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلارنى توغرا تېپىپ، نامرات ئائىلىلەرنى دەل جايىدا يۆلەش بىلەن نامرات رايونلارنى كەسىپ ئارقىلىق يۆلەشتىن ئىبارەت ئىككىنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈشتە، مېخانىزم ئۈستىدە ئىزدىنىش بىلەن مەھسۇلات مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىر – بىرىنى تولۇقلىشىدا، بازار ھەرىكىتى بىلەن خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ قەرز پۇلغا ئېرىشىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىكى ياخشى باشلامچىلاردىن بولۇشقا سەپەرۋەرلىك قىلىنغان.

  تەرەققىيات نىشانى جەھەتتە، ‹‹يولغا قويۇش پىكرى››دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020 – يىلىدىن بۇرۇن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلار ئالىدىغان قەرز پۇلنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئېلىنىدىغان قەرز پۇلنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ 2020 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، يېزا ئىگىلىكى ياردەم پۇلى مۇلازىمىتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئېغىر نامرات رايونلىرىدىكى مەمۇرىي كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاساسىي پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى كەنتتىلا ھەل قىلىش، ئۇنىۋېرسال پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى يېزا – بازاردىلا ھەل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ‹‹ئۈچنى بىر گەۋدە قىلىش›› نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى، ئاساسىي مۇلازىمەت، سىياسەت ئارقىلىق يۆلەشنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېچىش خاراكتېرلىك، سىياسەت خاراكتېرلىك، سودا خاراكتېرلىك ۋە ھەمكارلىق خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلىدە ماس ھەمكارلىشىدىغان، ئورتاق قاتنىشىدىغان نامراتلارنى يۆلەش پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى جەھەتتە، ‹‹يولغا قويۇش پىكرى››دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ‹‹جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرۇش›› لايىھەسىنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بانكا كەسپىنى جەنۇبىي شىنجاڭدا ئاپپاراتلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يېزا ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى پۇل مۇئامىلە بوشلۇق تور نۇقتىلىرىنى قاپلاش سالمىقىنى زورايتىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئاجىز نۇقتىلاردىكى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش؛ نامراتلارنى يۆلەشتىكى ئاساسلىق مەسئۇل بانكىلارنىڭ نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ئۈنۈمىنى باھالاشتا يېڭىلىق يارىتىشنى قانات يايدۇرۇپ ھەم باھالاش نەتىجىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دەرىجىسىنى باھالاش، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى باھالاش، يىللىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى باھالاش، بازار ئىجازىتى ۋە پەرقلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى قىلىش كېرەك.

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىدە ساقلانغان كەسىپ ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش يېتەرلىك بولماسلىق، نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق ئامانەت – قەرزنى ئىشلىتىش قېلىپلاشماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، ‹‹يولغا قويۇش پىكرى››دە سىياسەت كاپالىتى، كىرېدىت سېلىنمىسى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، تەشۋىق – تەربىيە، ئىناۋەت قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە قاراتمىلىقى بولغان ھەل قىلىش تەدبىرلىرى تۈزۈپ چىقىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ