«شىخۇڭدىكى بايۋەچچە» ناملىق فىلىمنىڭ 12 كۈندىكى بېلەت كىرىمى 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولدى
مۇھەررىر :
رەنا دانىيار
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2018/08/10 11:52
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، كومىدىيەلىك فىلىم «شىخۇڭدىكى بايۋەچچە» نىڭ كىنوخانىلاردا قويۇلغان 12 كۈندىكى بېلەت كىرىمى 2 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يەتكەن. بۇ فىلىمدە شىن تېڭ رولىدىكى ۋاڭ دويۈ بېيىغاندىن كېيىنمۇ، يەنىلا باشلامچىلىق بىلەن ئۆز ئارزۇسىدا داۋاملىق چىڭ تۇرغانلىقىدەك ھېكايە بايان قىلىنغان.
رېژىسسور پىڭ دامو مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «مەيلى قانداق تىپتىكى ئەسەر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ياخشى ئەسەر بولسىلا، چوقۇم تاماشىبىنلارغا يېڭىچە ھېس-تۇيغۇ ئاتا قىلالايدۇ، تاماشىبىنلارنى تەسىرلەندۈرەلەيدۇ» دېگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر :
قۇربانجان قېيۇم
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.