شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 8-ئاينىڭ 7-كۈنى شىنجاڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايون بويىچە سۇغۇرتا كەسپى تەمىنلىگەن خەۋپ-خەتەر كاپالىتى جەمئىي 13 تىرىليون 460 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.78 ئاشقان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭ سۇغۇرتا كەسپى پائال تۈردە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇپ، پۈتۈن ساھەلەردە كاپالەت دەرىجىسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، سۇغۇرتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ ۋە تۆلەم چىقىمنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىرقەدەر تېز بولغان.
سۇغۇرتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مال-مۈلۈك سۇغۇرتىسى شىركەتلىرى جەمئىي 15 مىليون 406 مىڭ 800 مال-مۈلۈك سۇغۇرتىسى ئىمزالىغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %74.59 ئاشقان؛ جىسمانىي سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ مۇددەت ئاخىرىغىچە كۈچكە ئىگە سۇغۇرتا تالونى 16 مىليون 816 مىڭ 200 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.53 ئاشقان.