تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي يىغىن ئاچتى

  نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلىنى تارقىتىش، ئىشلىتىشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك

  يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 8 – ئاينىڭ 6 – كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلى توغرىسىدىكى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)››(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹تەپسىلىي قائىدە›› دېيىلىدۇ) مۇھاكىمە قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامراتلار ئۈچۈن مەخسۇس چىقىرىلغان پۇل مۇئامىلە جەھەتتە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش سىياسىتى بولۇپ، 2016 – يىلى 6 – ئايدا يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، نامراتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتىكى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى كۇرسلۇق مەھسۇلاتىغا ئايلاندى. ‹‹تەپسىلىي قائىدە››نىڭ تۈزۈلۈشى پۇل مۇئامىلە بايلىقىنى دەل جايىدا تەقسىملەشتىكى ئۈنۈملۈك تۈزۈم قېلىپى بولۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرى ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ، شۇنداقلا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشى، 2020 – يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىغا يېتىشىدىكى مۇھىم تەدبىر.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش، ئىشلىتىشنى كۈچەيتىپ، قەرز پۇل تارقاتقاندا ئىلتىماس قىلغۇچىنى ئەستايىدىل تاللاپ، قەرز پۇلنى ھەقىقىي تەرەققىي قىلىش ئارزۇسى ۋە ئىقتىدارى بار نامرات ئاھالىگە بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ياكى نامراتلارنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك. قەرز پۇل تارقىتىلغاندىن كېيىن، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مەبلەغنىڭ دەل جايىدا ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلىنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ