كەڭ پۇچقاقلىق ئىشتاننى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە كىيگىلى بولىدۇ. چۈنكى كەڭ پۇچقاقلىق ئىشتاننىڭ شەكلى كۆركەم بولۇپلا قالماي يەنە ئادەمنى ئورۇق، ئېگىز كۆرسىتىدۇ. ئەمما بۇ ھەرقانداق كەڭ پۇچقاقلىق ئىشتاننى كىيسە بولىۋېرىدىغانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ. تۆۋەندىكى ئۈچ خىل نۇسخىدىكى كەڭ پۇچقاقلىق ئىشتاننى ئامال بار كىيمەسلىك كېرەك.
زىيادە ئۇزۇن كەڭ پۇچقاقلىق ئىشتان
بىز دائىم مودېل ياكى چولپانلارنىڭ كوچا سۈرەتلىرىدىن ئۇلارنىڭ يەرگە تېگىپ تۇرىدىغان ھەتتا سۆرىلىپ قالىدىغان ئۇزۇن كەڭ پۇچقاقلىق ئىشتان كىيىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىمىز. يەرگە تېگىشىپ تۇرىدىغان ھەتتا يەرگە سۆرىلىپ قالىدىغان كەڭ پۇچقاقلىق ئۇزۇن ئىشتان گەرچە سىزنى مودېللاردەك نازاكەتكە ئىگە قىلسىمۇ، ئەمما يەنە بىر جەھەتتىن ئانچە يارىشىملىق كۆرۈنمەي قالىدۇ، بولۇپمۇ بويى پاكار ئاياللارغا ئانچە يارىشىپ كەتمەيدۇ.
تۆۋەن بەللىك كەڭ پۇچقاقلىق ئىشتان
ئەگەر بويىڭىزنىڭ پاكار كۆرۈنۈپ قېلىشىنى خالىمىسىڭىز تۆۋەن بەللىك كەڭ پۇچقاقلىق ئىشتان كىيمەڭ. چۈنكى بىلى تۆۋەن ئىشتان ئادەمنىڭ پاچىقىنى قىسقا كۆرسىتىپ قويىدۇ.
زىيادە كەڭ پۇچقاقلىق ئىشتان
كەڭ پۇچقاقلىق ئىشتاننىڭ بەدەندىكى ئارتۇقچە گۆشلەرنى يوشۇرىدىغانلىقى ئەمەلىيەت، ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ ئىشتان قانچە كەڭ بولسا شۇنچە ياخشى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. چۈنكى زىيادە كەڭ پۇچقاقلىق ئىشتان ئادەمنى كالامپاي كۆرسىتىپ قويىدۇ.
تۆۋەندىكى سۈرەتلەردىن كەڭ پۇچقاقلىق ئىشتاننى قانداق كىيسە ئەڭ يارىشىملىق بولىدىغانلىقىنى بىللە كۆرۈپ باقايلى.