كۈز پەسلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. خەلقئارا مودا ئېقىم ساھەسىنىڭ كونا تەرتىپى بويىچە كۈزلۈك گىرىمدىكى مۇھىم ئامىللار ھەرقايسى داڭلىق ئېقىم ژۇرناللىرىدا كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇنۇلۇشقا باشلىدى. بۈگۈن بىز كۈز پەسىللىك رەڭلىك گىرىمدا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەكلىكى توغرىسىدا توختىلىمىز.
1. ئاچ قىزىل رەڭدىكى ئەڭلىك
گىرىمىمىز چوقۇم كىشىگە پاكىز ھەم جانلىق تۇيغۇ بېرىشى كېرەك، ئاچ قىزىل رەڭدىكى ئەڭلىك كىشىنى ياش ھەم تېتىك كۆرسىتىدۇ.
2. تەبىئىي گىرىم
بۇ يىل يازدا سۇس (گىرىم قىلمىغاندەك) گىرىم قىلىش بەكمۇ مودا بولدى، بۇ خىل گىرىم ئۇسۇلى كىشىنى تەبىئىي گۈزەل ھالەتتە كۆرسىتىدۇ، كىشىگە راھەت تۇيغۇ بېرىدۇ. شۇڭا تەبىئىي گىرىم قىلىش ئۇسۇلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
3. رەڭلىك قاپاق سۇرۇخ
تەبىئىي گۈزەللىكنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل كۈزدە رەڭلىك قاپاققا سۇرۇخ ئىشلىتىش مودا بولغان، يەنى ھالرەڭ، سۆسۈن، سېرىق رەڭ قاتارلىق ئوچۇق رەڭلىك قاپاق سۇرۇخىنى ئىشلەتكەندە كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدىكەن.
4. يالغان كىرپىك ئىشلەتمەسلىك.
ئىلگىرى گىرىم قىلغاندا يالغان كىرپىك تاقاش ئەڭ مۇھىم بىر باسقۇچ ئىدى. يالغان كىرپىك تاقىغاندا گىرىمنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇۋېتىدۇ. ئەمما بۇ يىل كۈزدە تەبىئىي گىرىم قىلىش مودا بولغاچقا، سۈزۈك يۈزگە يالغان كىرپىك تاقىۋالسا، ئارتۇقچە بولۇپ قالىدۇ.