ئۆز خەۋىرىمىز. گۈزەل نارات يايلىقى بەئەينى خىيالىي دۇنياغا ئوخشاش ئاجايىپ گۈزەل بولۇپ، بۇ يەردە قولىڭىزنى سۇنسىڭىزلا «يېتىدىغان» مامۇقتەك ئاپئاق بۇلۇتلار، كەڭ كەتكەن بىپايان يايلاق بار. بۇ جاينىڭ ئۆزىگە خاس تەبىئىي مەنزىرىسى خۇددى بىر پارچە سۈرەتكە ئوخشايدىغان بولۇپ، كۆك، ئاق، يېشىل رەڭلەر ئارقىلىق بۇ كەڭ زېمىنغا ئاجايىپ ئۇستىلىق بىلەن رەڭ بېرىلگەن، مانا بۇ «بوشلۇقتىكى يايلاق» ناراتنىڭ يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانىدۇر.
«بوشلۇقتىكى يايلاق» ناراتقا كەلمەي تۇرۇپ، نېمىنىڭ بىپايان دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلمەيسىز، بۇ جاي بەئەينى «يايلاق دۇنياسى». كەڭ كەتكەن يېشىللىق ئۈستىدە «چېچىلىپ» ياتقان ياۋا گۈللەر بۇ گۈزەل ماكانغا تېخىمۇ رەڭ قوشقان.
تىيانشان ئېتىكىدىكى بۇ جەلپكار «خىيالى دۇنيا»، كىشىلەرنىڭ ئارزۇسىدەك ئەڭ گۈزەل ياشاش ماكانى ھېسابلىنىدۇ.
مەنبە: ئىلى نۆل ئارىلىق ئۈندىدار سۇپىسى