يارا چاپلىقى ئاساسلىقى پىلاستىر بىلەن سۇ سۈمۈرۈش تەگلىكىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، يارا ئېغىزىدىن چىققان سۇيۇقلۇقنى سۈمۈرۈۋېلىپ، يارا ئېغىزىنى قۇرغاقلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. دورا تەركىبى بولغان قىسمەن يارا چاپلاقلىرىدىن سىرت، كۆپىنچە يارا چاپلاقلىرىنىڭ ياللۇغ قايتۇرۇش، مىكروب ئۆلتۈرۈش رولى يوق. يارا چاپلىقىنىڭ ھاۋا ئۆتۈشتۈرۈشچانلىقى ناچار بولغاچقا، يارا چاپلىقىنى قان كۆپ چىقىپ كەتمىگەن، كىچىك ھەم چوڭقۇر بولمىغان، تىكىش ھاجەتسىز بولغان يارا ئېغىزىغا ئىشلىتىشكە ماس كېلىدۇ.
قانداق يارا ئېغىزى يارا چاپلىقى چاپلاشقا ماس كەلمەيدۇ؟
چوڭ ھەم چوڭقۇر يارا ئېغىزى
يارا ئېغىزى يارا چاپلىقىدىكى سۇ سۈمۈرۈش تەگلىكىنىڭ كەڭلىكىدىن چوڭ، چوڭقۇرلىقى 0.5 سانتىمېتىردىن چوڭقۇر بولسا يارا چاپلىقى چاپلاشقا ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى بەك چوڭقۇر يارا ئېغىزى ئوكسىگېندىن قاچقۇچى باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن، مەسىلەن قاتما كېسىلى (破伤风).
يۇقۇملانغان ياكى يىرىڭداپ قالغان يارا ئېغىزى
ئەگەر يارا ئېغىزى قىزىرىپ قالسا ياكى يارا ئېغىزىدىن سۇيۇقلۇق ئاقسا ھەتتا يىرىڭداپ قالسا بۇ يۇقۇملانغانلىقنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، يارا چاپلاق چاپلىغانغا ساقايمايدۇ. بۇنداق يارا ئېغىزىنى كەسپىي تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرلىرى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
ھايۋانلار چىشلىۋالغان يارا ئېغىزى
ھايۋانلار چىشلىۋالغان يارا ئېغىزىنى ۋاقتىدا سوپۇن سۈيى بىلەن 15 مىنۇت ئەتراپىدا يۇيۇش ئارقىلىق غالجىرلىق كېسىلىنىڭ خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. ئەگەر سوپۇن سۈيى تاپالمىسا، پاكىز سۇ بىلەن يۇيسىمۇ بولىدۇ. يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ ۋاكسىنا ئۇرغۇزۇش كېرەك. يارا چاپلىقى چاپلىغاننىڭ ھېچقانداق تەسىرى بولمايلا قالماي ئەكسىچە كېسەللىك خەۋپىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ.
كۆيۈك ۋە چىيقان (قوڭىيوغان) يارىسى
كۆيۈك ۋە چىيقان يارىسىنى قۇرغاق تۇتۇش ھەمدە ھاۋا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك. ئەگەردە بۇ خىل يارىغا يارا چاپلىقى چاپلىغاندا، يارا چاپلىقى يارا ئېغىزىدىكى مىكروبلارنىڭ كۆپىيىشىنى تېزلىتىپ، يارىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
ھۆل تەمرەتكە
ھۆل تەمرەتكە چىقىپ قالغانلار يارا ئېغىزىنى تاتىلاپ سېلىشتىن ئەنسىرەپ، يارا چاپلىقى چاپلىۋالىدۇ. ئەمما بۇنداق قىلغاندا ھۆل تەمرەتكىدىكى سۇيۇقلۇق ئېقىپ چىقىشى مۇمكىن. ھاۋا ئۆتۈشتۈرۈشچانلىقى ناچار يارا چاپلىقى يارا ئېغىزىنى ساقايتالمايلا قالماي ئەكسىچە ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.