
خەلق تورى، شاڭسى، 8-ئاينىڭ 7-كۈنى تېلېگراممىسى. گۇاڭشىنىڭ شاڭسى ناھىيەسىدىكى ليۇشى يايلىقىدا يازدا ئوت-چۆپلەر بولۇق ئۆسۈپ، قوي، كالا پادىلىرى ئەركىن يايلاپ يۈرىدۇ، ئەتراپتىكى ئېگىز تاغ، ھەيۋەتلىك چوققىلار تۇمان ئارىسىدا مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ، يىراقتىن قارىغاندا، ليۇشى يايلىقى خۇددى «بوشلۇقتىكى يايلاق» تەك كۆرۈنىدۇ. ليۇشى يايلىقى ئېگىز تاغ چىملىقىغا تەۋە بولۇپ، شاڭسى ناھىيەسى نەنپىڭ يېزىسى شياڭجاڭپو كەنتىدىكى ليۇشىتۈنگە جايلاشقان. ليۇشىتۈننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ياخشى قوغدالغان بولۇپ، بۇ ناھىيەدىكى تەبىئىي ئېكولوگىيەسى مۇكەممەل بولغان كەنتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ليۇشى يايلىقى گۈزەل مەنزىرىلىك جاي بولۇپلا قالماي، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىكى گۆھەر زېمىن. كەنت ئاھالىلىرى بۇ يەردە باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ،باقمىچىلىقنى كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشتىكى مۇھىم ئىقتىسادىي مەنبەگە ئايلاندۇرغان.






