ھەر تەرەپتىن تۆمۈريول ئەشيا ئوبوروت مۇلازىمەت كاپالەت ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ
شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: يېقىندا، ھاك تاش قاچىلانغان بىر يۈك پويىزى شىنجاڭ ليەنچياۋ ئەشيا ئوبوروت مەخسۇس لىنىيەسىدە مال چۈشۈردى، بۇ شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى قۇرغان لېشى ئەشيا ئوبوروت بازىسىدا تىجارەت باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. يېقىندا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مالەن، يېڭىشەھەر، پىچان تۆمۈريول نېفىت خىمىيە سانائىتى ئەشيا ئوبوروت بازىسى بىلەن ماناس ناھىيەلىك لېشى ئەشيا ئوبوروت بازىسى كەينى-كەينىدىن قۇرۇلدى، بۇ، پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىغان، پۈتۈن مەملىكەتكە تەسىر كۆرسەتكەن زامانىۋى ئەشيا ئوبوروت تور قەدىمىنىڭ تېزلەشكەنلىكىدىن دېرەك بەردى.
تۆمۈريولنىڭ تۇتىشىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدا شەرقنى تۇتاشتۇرۇپ غەربتىن چىقىدىغان تۆمۈريول قۇرۇلۇشى شەكللەندى. شەرقنى تۇتاشتۇرىدىغان يول: ئېرىنا-قومۇل تۆمۈريولىدا قاتناش باشلىنىپ، گېئېرمۇ-كورلا تۆمۈريول قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى. مۆلچەرلىنىشىچە، 2019-يىلى شەرقتىن چىقىدىغان يول: شىمالى كۈيتۈن تۆمۈريولى ئاساسىدا، بېيتۈن-ئالتاي تۆمۈريولى، قاراماي-تارباغاتاي تۆمۈريولى قۇرۇلۇشى تاماملانغان ۋە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىپ، كېيىنكى قەدەمدە ئېچىلىدىغان جىمىنەي ۋە باقتۇ تۆمۈريول چېگرا ئېغىزى قۇرۇلۇشىغا ياخشى شارائىت ھازىرلانغان؛ جەنۇبتا: تۇرپان-ئاقسۇ قوش لىنىيەلىك تۆمۈريول لىنىيەسىدە قاتناش باشلىنىپ، كورلا-قەشقەر تۆمۈريولىدا سۈرئەت ئاشۇرۇش پىلانغا كىرگۈزۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىچىدىكى غول لىنىيەلەرگە كۈچلۈك تايانچ بولغان. شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ شەرقنى تۇتاشتۇرۇپ غەربكە چىقىرىش قۇرۇلۇشى شىنجاڭ ئەشيا ئوبوروت تۈگۈن بوشلۇقىنىڭ تاماملىنىشى كۆپ تەرەپتىن شىنجاڭ تۆمۈريول ئەشيا ئوبوروت مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىكەن.