ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ خاڭجىن خوشۇنى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ تاشقىن مەزگىلىدە قۇملۇققا سۇ باشلاپ، سۇ ئاپىتىنى سۇچىلىق ئىشلىرىغا ئۆزگەرتىپ، قۇملۇقنى سۇلۇق يەرگە ئايلاندۇرۇپ، كۆپچى قۇملۇقىنىڭ چېتىدە «سۇ ۋە قۇم تەڭ مەۋجۇت بولۇش»تەك گۈزەل مەنزىرىنى بارلىققا كەلتۈردى (8-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).
شىنخۇا تورى خەۋىرى: كۆپچى قۇملۇقى ئوردۇس ئېگىزلىكىنىڭ شىمالىي چېتىگە، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 18 مىڭ 600 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ دۆلىتىمىزدىكى 7-چوڭ قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىلگىرى گىياھمۇ ئۈنمەيدىغان جاي بولۇپ، قۇم-بوراننىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ كەلگەن. نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ جاپالىق كۈرەش قىلىشى ۋە ئىلمىي يېڭىلىق يارىتىشى بىلەن، كۆپچى قۇملۇقىنى تۈزەش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشىلاندى، تۈزەلگەن ئومۇمىي يەر كۆلىمى 6460 كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتتى، كۆكەرتىلگەن كۆلەم 3200 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشتى.