توي قىلغاندا مەن دەل 23 ياشقا كىرگەنىدىم. تويدىن كېيىن ئېرىمنىڭ ناھايىتى ھورۇنلىقىنى، تۇرمۇشتا تەرتىپسىز ئىكەنلىكىنى بايقىدىم.
ئۇ ھەدېسىلا ئۆيگە كەچ قايتاتتى، مەن بولسام كۈندە تاماق ئېتىپ ئۇنىڭ كېلىشىنى ساقلايتتىم. مۇھىمى، مۇشۇ تەرزدە مەن ئۆيدىكى بارلىق ئىشلارنى بىلىپ-بىلمەيلا زىممەمگە ئېلىۋالغانىدىم. ئۇ تاماق يەپ بولۇپ سافادا تېلېۋىزور كۆرەتتى ياكى بولمىسا ئەتكەن تامىقىمغا ئاندا-ساندا پىكىر بېرىپ قوياتتى. مەن بولسام ئىشتىن قايتىپ، ئۆينىڭ ھەممە ئىشىگە پايپېتەك بولۇپ يۈرەتتىم.
شۇنداق قىلىپ يەتتە يىل ئۆتۈپ كەتتى. بۇ يەتتە يىلدا مەن ئۆزلۈكۈمنى پۈتۈنلەي يوقاتقانىدىم، ئۆزۈمنىڭ كىتاب ئوقۇش، يېزىقچىلىق قاتارلىق قىزىقىشلىرىمنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەنىدىم.
توي قىلىپ يەتتە يىلدىن كېيىن، مەن تاكتىكامنى ئۆزگەرتىشنى لايىق تاپتىم.
مەن قىزىقىشلىرىمنى قايتىدىن تېپىۋالدىم. كىتاب ئوقۇيتتىم، ماقالە يازاتتىم. يېزىقچىلىق قىلىپ ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قالاتتىم.
مەن ئۆزۈمگە چىرايلىق كىيىملەرنى ئالىدىغان، پات-پات ئۆزۈمگە كىچىك سوۋغاتلارنى بېرىدىغان، ئانچە-مۇنچە ساياھەتكە چىقىدىغان بولدۇم.
ئېرىم ئۆزلۈكۈمگە قايتقىنىمنى كۆرۈپ، سەل جىددىيلەشتى. دائىم دېگۈدەك «خوتۇن، مېنى ھېلىھەممۇ ياخشى كۆرەمسىز؟» دەپ سوراپ قوياتتى. بايرام كۈنلىرى، خاتىرە كۈنلەردە سوۋغات ئېلىپ كۆڭلۈمنى خۇش قىلاتتى.
كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە يەتتە يىل ئۆتۈپ كەتتى، بۇ يەتتە يىلدا مەن ئائىلە بەختىنى ھېس قىلغانىدىم. ئېرىم ئائىلە ئىشلىرىنى بىللە قىلىشىپ بېرىدىغان، قىزىقىشىمغا ھۆرمەت قىلىدىغان، ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىغان بولغانىدى.
تۇرمۇش لاتارىيە ئەمەس، ئۇتتۇرۇپ قويۇپ يىرتىۋەتكەن بىلەنلا ئىش ھەل بولمايدۇ.
توي قىلىش ئۇ نەتىجە ئەمەس، بەلكى بىر باشلىنىش، تۇرمۇشتىكى ئەڭ مۇھىم سەپەر. تۇرمۇش قۇرغان ئايال ئۆزلۈكىنى يوقىتىپ قويماسلىقى، تۇرمۇش قۇرغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئۆزىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشى، تۇرمۇشنى سۆيۈشى، سېھرىي كۈچىنى ساقلاپ تۇرۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا بەخت قۇچىقىدا ئەللەيلىنەلەيدۇ.