تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمەن

  قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رەئىس گېمېي خابېپ

  ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، دىنىي ئەقىدىلەرنى ھە دەپ ئۆزگەرتىپ، بىدئەت تەلىمات ئويدۇرۇپ چىقىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ ‹‹تۆت تارىخ››ىنى بۇرمىلاپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، شىنجاڭنى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىپ چىقىشقا ئۇرۇندى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.

  ۋەتەننىڭ مەنپەئىتىگە دەخلى–تەرۇز قىلىشقا بولمايدۇ، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا بولمايدۇ. بىز جەزمەن قەتئىي تەۋرەنمەي يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، چوڭ ھەق–چوڭ ناھەق ئالدىدا باتۇرلۇق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، پۇختا ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بارلىق كادىرلار ۋە ئىشچى–خىزمەتچىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، خاتىرجەم، ئىناق، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  يەرلىك شىنجاڭلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە تەشكىلىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە يېتىشتۈرۈشىدە تەدرىجىي ئۆسۈپ يېتىلىپ، ھازىرقى خىزمەت ئورنۇمغا قەدەم قويدۇم. بۇلار پارتىيەنىڭ يېتىشتۈرۈشى ۋە تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسى. مەن كىچىكىمدىن تارتىپ خەنزۇ، موڭغۇل، ئۇيغۇر قاتارلىق ھەر مىللەت دوستلار بىلەن بىللە ئويناپ، بىللە ئۆگىنىپ چوڭ بولدۇم، كۆپچىلىك ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتەتتۇق. ئاشۇ ئىللىق مەنزىرە ھېلىمۇ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ ئوخشاش بولمىغان جايلاردا خىزمەت قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرىدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى، شىنجاڭنىڭ شەھەر–يېزا قىياپىتىنىڭ پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىرگەنلىكىنى، خەلق ئاممىسىنىڭ بارغانسېرى كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىۋاتقانلىقىنى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ بارغانسېرى تېزلىشىۋاتقانلىقىنى باشتىن كەچۈردۈم ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھچى بولدۇم. شىنجاڭنىڭ تېز تەرەققىياتى پارتىيەنىڭ دانا رەھبەرلىكىدىن، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدىن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر بىزنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىمىزنى كۆرۈشنى خالىماي، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، تۈرلۈك سۇيىقەست، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللاندى. بىز ئۇلارنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا، گۈزەل كەلگۈسىمىزنى نابۇت قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز. ھەممىمىز مەيدانىمىز مۇستەھكەم، بايرىقىمىز روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئاڭلىق زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.

  مەن باشتىن–ئاخىر شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، ھەممەيلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرسەك، ھەممەيلەن ھەرىكەتكە كېلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلساق، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى جەزمەن يوقىتالايمىز. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، باشتىن–ئاخىر پارتىيەنى، ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق چوڭ ھەق–چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە باشتىن–ئاخىر پوزىتسىيەمنى قەتئىي، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ھەر ۋاقىت كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا تەييار تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، زوراۋانلىق جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىش، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەم بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ