تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

قىيىن ئىشلارنى ھەل قىلىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدا كارامىتىنى كۆرسىتىش

  ——خوتەن ۋىلايەتلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر–يېزا قۇرۇلۇش ىئىدارىسىنىڭ خوتەنشەھىرىنىڭ يۇرۇڭقاش بازىرى ئىگەرچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتى توغرىسىدا

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

  7–ئاينىڭ 29–كۈنى كەچقۇرۇندا خوتەن شەھىرىنىڭ يۇرۇڭقاش بازىرى ئىگەرچى كەنتىگە كەلدىم، پاكىز، تەكشى كەنت يولىنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى دەرەخلەر باراقسان ئۆسكەن بولۇپ، پاكىز–رەتلىك كىيىنگەن قىز–يىگىتلەر كۈلكە–چاقچاقلار بىلەن كەنت ئاھالە كومىتېتىغا قاراپ كېتىۋاتاتتى. كەنت ئاھالە كومىتېتىدىن چىقىۋاتقان ناخشا، كۈلكە ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. كەنت ئاھالە كومىتېتى قورۇسىدىكى دېھقان–چارۋىچىلار سەھنىسىدە كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلىرى تەييارلىغان نومۇرلارنى ئورۇنلاۋاتقان بولۇپ، مۇزىكا قويۇلۇشى بىلەن كۆپچىلىك بەس–بەستە شوخ ئۇسسۇلغا چۈشتى. خوتەن ۋىلايەتلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر–يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ خوتەن شەھىرىنىڭ يۇرۇڭقاش بازىرى ئىگەرچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتى ھەر مىللەت ئاممىنى تۇغقىنىدەك كۆرۈپ، ئاممىۋى خىزمەتنى يۈزتۇرا، سەمىمىي، ئەمەلىي قانات يايدۇرۇپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ رېئال مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلدى، نەتىجىدە كەنتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە زور ياخشىلىنىش بولۇپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

  كەنت ئاھالە كومىتېتى قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان ماكانغا ئايلاندى

  48ياشلىق تۇرسۇنتوختى بەردى ئىگەرچى كەنتىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ئۇ كۆڭلىدىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: بۇ يەردە ھەر ھەپتىدە ئويۇن قويۇلىدۇ، كەنتىمىزدە ناخشا ئېيتالايدىغان، ئۇسسۇل ئوينىيالايدىغانلارنىڭ بۇنچىۋالا كۆپ ئىكەنلىكىنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن. ئىلگىرى بىرەر يەرگە يىغىلىپ كۆڭۈل ئاچايلى دېسەك، بۇنداق ياخشى شارائىت يوق ئىدى. كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورنىمۇ بەك كونا، پائالىيەت قىلىدىغان ئورۇن يوق، ئىش بېجىرىشىمىزمۇ تەس، كەنت كادىرلىرىنىڭ ئابرۇيىمۇ يۇقىرى ئەمەس ئىدى.

  خوتەن ۋىلايەتلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ خوتەن شەھىرىنىڭ يۇرۇڭقاش بازىرى ئىگەرچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1–شۇجى تۇردىمەمەت روزى مۇنداق دېدى: كەنت ئاھالە كومىتېتى ئاممىنىڭ ئىشىنى بېجىرىدىغان جاي، كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىككىنچى ئائىلىسى، بەك كونىراپ كەتكەن جايغا كىشىلەر كېلىشنى خالىمايدۇ.

  كەنت ئاھالە كومىتېتىنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قەلبىنى ئىللىتىدىغان ماكانغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى كەنت ‹‹ئىككى كومىتېت››ىنىڭ ئەزالىرى بىلەن ئىشنى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشتىن باشلاپ، ئىلمىي پىلانلاپ، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل غەملەپ، يەرنى قاتتىقلاشتۇرۇشقا، كونا ئىشخانىلارنى چېقىشقا، كەنت ئاھالە كومىتېتى قورۇ تېمىنىڭ ئىچى–تېشىنى ئاقارتىشقا تۇتۇش قىلدى... بۇ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، ئۇلار دەسلەپتە قىزىقىپ قاراپ تۇردى، ئارقىدىن بەزى كەنت ئاھالىلىرى قىزغىنلىق بىلەن ياردەم بېرىپ، بىللە ئىشلىشىپ كەتتى.

  كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ قىياپىتى ناھايىتى تېزلا يېڭىلاندى، ئىشخانىلار پاكىز، يورۇق، بايراق چىقىرىش مەيدانى ئازادە، كۆركەم بولدى، دېھقان–چارۋىچىلار سەھنىسىمۇ ياسالدى، قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىراغلىرى ئىگەرچى كەنتىنىڭ كېچە ئاسمىنىنى يورۇتتى.

  بايراق چىقىرىش مەيدانىنىڭ بىر تەرىپىدە كۆلىمى 1200 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزى پات ئارىدا كەنت ئاھالىلىرىگە ئېچىۋېتىلىدۇ. تۇردىمەمەت روزى مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى كۈندە ئۈستەل – ئورۇندۇق، ياڭراتقۇ، رەڭلىك چىراغ ئورنىتىلىپ بولىدۇ، ئەمدى تېخىمۇ كۆپ پائالىيەت ئۆتكۈزەلەيمىز.

  ئاممىۋى خىزمەت مۇلازىمەت پونكىتى ئاممىنى غەمدىن خالاس قىلدى

  كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قەلبىنى ئىللىتىدىغان ماكان بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇلارنى غەمدىن خالاس قىلىدىغان پونكىتمۇ بار بولدى.

  كەنت ئاھالىسى بايمەن تالىپ ئادەتتە ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ بولۇپ، ئىككى–ئۈچ كەنت ئاھالىسى بىلەن ئاممىۋى خىزمەت مۇلازىمەت پونكىتى ئالدىغا كېلىپ، ئۇ يەردىكى ئورۇندۇقتا سالقىنداپ ئولتۇرغاچ مۇڭدىشىشقا ئامراق، ئۇ مۇنداق دېدى: ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا كېچىدە ئۆيىمىزدە تۇيۇقسىز توك توختاپ قالدى، ئېرىم ئىككىمىز ياشىنىپ قالغان، كۆزىمىزمۇ ياخشى كۆرمەيدىغان بولغاچقا، سەۋەبىنى تاپالمىدۇق، شۇنىڭ بىلەن خىزمەت پونكىتىغا كېلىپ ياردەمگە ئادەم ئىزدىدۇق، ئەسلىدە ۋىكليۇچاتېل كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن ئىكەن، نۆۋەتچى كادىر كاشىلىنى ئوڭشاپ بەرگەندىن كېيىن، ئەتىسى يەنە كېلىپ بىخەتەر توك ئىشلىتىشىمىزنى، ئىش بولسا خالىغان چاغدا خىزمەت پونكىتىنى ئىزدىشىمىزنى تاپىلىدى. مەيلى چوڭ ئىش ياكى كىچىك ئىش بولسۇن، بۇ يەرگە كەلسەكلا ھەل قىلالايمىز.

  كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت ‹‹ئىككى كومىتېت››ىنىڭ بىرتۇتاش پىلانلىشىدا كەنتتە ئاممىۋى خىزمەت مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇلۇپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش كۈچەش نۇقتىسى قىلىنىپ، ‹‹بىر قوشۇن مەخسۇس تۇتۇش، بىر پونكىت شەكىللىك، يۈرۈشلەشكەن مۇلازىمەت قىلىش››تىن ئىبارەت ‹‹ئۈچ بىرلەشتۈرۈلگەن›› خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، ‹‹ئاممىغا ئەگىشىپ يۈرۈپ مۇلازىمەت قىلىش›› پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئامما ئىش بېجىرىشتە بىر ئىشىكتىنلا كىرىش، كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەپسىلىي مۇلازىمەت تەرتىپى ئىسخېمىسى تۈزۈلۈپ، خىزمەت پونكىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمى كەنت ئاھالىلىرىگە ۋاقتىدا ئاشكارىلىنىپ، خىزمەت پونكىتىنىڭ يۈرۈشۈشى راۋان، مۇلازىمىتى ئەتراپلىق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

  ئاممىۋى خىزمەت مۇلازىمەت پونكىتىدا مەخسۇس نامرات ئائىلە، ياشانغانلار ۋە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر ئۈچۈن مېھىر–شەپقەت مال جازىسى، مېھىر–شەپقەت كىيىم جازىسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، زۆرۈر بولغاندا، بۇ يەردىن گۈرۈچ، ئۇن، ياغ ۋە كىيىم–كېچەكلەرنى ھەقسىز ئالسا بولىدۇ.

  ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىغا ھاياتىي كۈچ قوشۇلدى

  خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت ‹‹ئىككى كومىتېت››ى بەنزىسىدىكىلەر بىر مەقسەتتە ئىشلەپ، بارلىق چارە–ئاماللار بىلەن ئاممىنى غەمدىن خالاس قىلىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەردى، بۇ، خىزمەتكە قاتناشقىنىغا ئانچە ئۇزاق بولمىغان روزىئەمەر روزىتوختىنى ناھايىتى ئىلھاملاندۇردى، ئۇ دەسلەپتە نېمە ئىش قىلىشنى، قانداق ئىشلەشنى بىلمەيتتى، ھازىر ئىش قىلالايدىغان، ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان بولدى، ئۇ تېز ئۆسۈپ يېتىلمەكتە ئىدى.

  روزىئەمەر روزىتوختى مۇنداق دېدى: مەن بۇلتۇر يىل بېشىدا خىزمەتكە قاتناشتىم، دەسلەپتە ھېچنېمىنى بىلمەي بەك تىت–تىت بولاتتىم، خىزمەتنى قەيەردىن باشلاشنى بىلمەيتتىم، كەنت ئاھالىلىرىگە گەپمۇ قىلالمايتتىم، كەنت ئاھالىلىرى مېنى پىراكتىكىغا كەلگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، دەپ قالغانىدى. روزىئەمەر روزىتوختىنىڭ خىزمەتكە تېزرەك كىرىشىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بىر يىلدىن بۇيان خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ ياخشى تەجرىبىلىرىنى ئۇنىڭغا بەس–بەستە ئۆگىتىپ، ئۇنىڭ ئىشەنچ تۇرغۇزۇشىغا ياردەم قىلدى، روزىئەمەر روزىتوختى تەدرىجىي پىشىپ يېتىلدى.

  پارتىيە ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرى قاتارلىق تايانچ قوشۇننى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنت كادىرلىرىغا يۈزتۇرا، قولمۇقول تەپەككۇر قىلىشنى ۋە تەجرىبە–ئۇسۇل ئۆگىتىپ، كەنت كادىرلىرىنىڭ ساپاسى ۋە ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. سانغىمۇ، سۈپەتكىمۇ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، كەنت، مەھەللىلەردىكى مۇنەۋۋەر كادىرلار، بېيىش ماھىرلىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىلىرىدىن پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇردى. ھازىرغىچە 17 پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپىنى تەربىيەلىدى، يېڭىدىن بەش پارتىيە ئەزاسىنى تەرەققىي قىلدۇردى.

  روزىئەمەر روزىتوختى يىل بېشىدا پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى تاپشۇرغانىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر يولدا ئۇچرىغانلىكى كەنت ئاھالىسى مېنى تونۇيدۇ، مەندىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەھۋال سورايدۇ، مەن خېلى ئۇتۇق قازانغاندەك بولۇۋاتىمەن، مەن ئىقتىدارىمنى تىرىشىپ ئاشۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىگە تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىپ بېرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ