تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

گۈزەل شىنجاڭدا خۇشاللىق سەپىرى

قەشقەر كونا شەھىرىدىكى قوۋۇق ئېچىش مۇراسىمىدا، ساياھەتچىلەر بىلەن بۇ جايدىكى ئاھالىلەر بىرلىكتە ئۇسسۇلغا چۈشتى. (جاۋ گې فوتوسى، 7-ئاينىڭ 11-كۈنى تارتىلغان)

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: تومۇز ياز كۈنلىرىدە، تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنىڭ ئوخشاش بولمىغان گۈزەل مەنزىرىسى كىشىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ. شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل، مەدەنىيەت بايلىقى مول، بۇ جايدا كەڭ كەتكەن بىپايان قۇملۇق، بۈك-باراقسان بوستانلىق، پەلەككە تاقاشقان قارلىق تاغ قاتارلىق ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ساياھەت مەنبەلىرى كۆپ بولۇپ، بىر يىل ئىچىدىكى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدىلا كىشىنى جەلپ قىلىدىغان گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ.

قەشقەر شەھىرىدىكى كوزىچى ياربېشىدا، ئاۋسترالىيەلىك ساياھەتچى كۇلالىچى تۇرسۇن زۇنۇننىڭ ئۆيىدە ساپال بۇيۇملارنى تاللىماقتا. (جاۋ گې فوتوسى، 7-ئاينىڭ 11-كۈنى تارتىلغان)
گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ جامبۇلاق مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەر بۇ جاينىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلانماقتا. (جاۋ گې فوتوسى، 7-ئاينىڭ 27-كۈنى تارتىلغان)
تاڭ نۇرىغا چۆمۈلگەن گۇچۇڭ ناھىيەسى جامبۇلاق مەنزىرە رايونى. (جاۋ گې فوتوسى، 7-ئاينىڭ 27-كۈنى تارتىلغان)
ساياھەتچىلەر 8-ئاينىڭ 2-كۈنى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ تۇلپار ساياھەت مەدەنىيەت كەسپلەر باغچىسىدا چەۋەندازلىق ماھارىتىنى كۆرمەكتە. (خۇاڭ جېن فوتوسى)
موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ تۇلپار ساياھەت مەدەنىيەت كەسپلەر باغچىسىدا، چەۋەندازلار ئات ئۈستىدە ئوغلاق تارتىشماقتا. (خۇ خۇخۇ فوتوسى، 8-ئاينىڭ 1-كۈنى تارتىلغان)
بۇ يىل 6-ئايدا، 2018-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسى ھەمدە جۇڭگو ئاپتوموبىل دالا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ رايونى مۇسابىقىسى ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقتى، مۇسابىقىگە قاتناشقان ئاپتوموبىللار ۋە موتوسىكلىتلار قۇملۇقتىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئۇدا 13 كۈن كەسكىن مۇسابىقىلەشتى. (جياڭ ۋېنياۋ فوتوسى، 6-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان)
ئاقتۇ ناھىيەسىدىن پامىر ئېگىزلىكىگە تۇتىشىدىغان تاشيول. (جياڭ ۋېنياۋ فوتوسى، 7-ئاينىڭ 3-كۈنى تارتىلغان)
ئاقتۇ ناھىيەسىدىن پامىر ئېگىزلىكىگە تۇتىشىدىغان تاشيول. (جياڭ ۋېنياۋ فوتوسى، 7-ئاينىڭ 3-كۈنى تارتىلغان)
شەپەق نۇرى ئاستىدىكى نارات يايلىقى. (جاۋ گې فوتوسى، 7-ئاينىڭ 8-كۈنى تارتىلغان)
بۇ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى كۈنەس ناھىيەسىنىڭ نارات بازىرىدا تارتىلغان ئارشان كەنتىنىڭ يېڭى قىياپىتى. (خۇ خۇخۇ فوتوسى)
  كەڭساينىڭ مەنزىرىسى. (خۇ خۇخۇ فوتوسى)
بۇ 8-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى. (خۇ خۇخۇ فوتوسى)
بۇ 8-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ شات مەنزىرە رايونىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى. (لى مېڭجياۋ فوتوسى)
چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ئۈستىقۇددۇسزارلىقتا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئۈستىقۇددۇس ئورىماقتا. (جاۋ گې فوتوسى، 6-ئاينىڭ 27-كۈنى تارتىلغان)
بىر پىيادە مېڭىش ھەۋەسكارى ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونىدىكى بەيياڭگوۋ مەنزىرە رايونىدا دالا سەيلىسى قىلماقتا. (خۇ خۇخۇ فوتوسى، 7-ئاينىڭ 29-كۈنى تارتىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ