تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

كەنت ئاھالىسىنى نامراتلىق قالپىقىنى بالدۇرراق چۆرۈپ تاشلاشقا يېتەكلەيمىز

ـــ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، شىنجاڭ داشۆسى، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك قاتناش ـ تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى توغرىسىدا

مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل غوپۇر

   ‹‹كەنتتە كومپيۇتېر، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى رېمونتچىلىقى، كىيىم تىكىش قاتارلىق تەربىيەلەش كۇرسلىرى ئېچىلىپتۇ، تېزرەك بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرايلى››، ‹‹ھەمراھ زاۋۇت قۇرۇلىدىغانغا ئاز قاپتۇ، بىز  يېقىن جايدىلا ئىشقا ئورۇنلىشالايدىغان بولدۇق...›› كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ئۇلارنىڭ چىن يۈرىكىدىن چىققان خۇشاللىق ۋە بەخت ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.

   بۇ يىل 2 – ئايدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، شىنجاڭ داشۆسى، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك قاتناش – تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە ئۈچتۇرپان ناھىيەسى ئالغا بازىرى يار بېشى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، دەل جايىدا ئىش كۆرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەش ۋە تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۈچەيتتى. بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، ھازىر يار بېشى كەنتىنىڭ قىياپىتىدە خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ روھىي قىياپىتى  يېڭىلاندى.

   كۆكتات ئۆستۈرۈش كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىنى كېڭەيتتى

   7 – ئاينىڭ 28 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئالغا بازىرىنىڭ يار بېشى كەنتىدىكى ‹‹رۈيفېڭ›› كۆكتات ئۆستۈرۈش ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، 120 كەنت ئاھالىسىدىن تەشكىللەنگەن كۆكتات يىغىش ئەترىتى چەيزە ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

   كەنت ئاھالىسى تۇرسۇن مامۇت مۇنداق دېدى: ھازىر چەيزىنىڭ ھوسۇل مەزگىلى، ھازىردىن باشلاپ 10 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ھەپتىدە بىر قېتىمدىن ئۈزەلەيمىز، بۇ يىل خېلى ئوبدان پايدا ئالدۇق، تىرىشىپ ئىشلىسەكلا نامراتلىقتىن چوقۇم  قۇتۇلالايمىز. ئۇ چۈشتىن بۇرۇن ئۈزگەن چەيزىلىرىنى سەككىز خالتىغا قاچىلىدى، ھەر بىر خالتا چەيزىنىڭ ئېغىرلىقى 13 كىلوگىرام ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ چەيزىلەرنى ئۇچتۈرپان ناھىيەلىك ئاشلىق، ياغ، كۆكتاتچىلىق شىركىتى بىر تۇتاش سېتىۋالىدىكەن.

   يار بېشى كەنتى ئاپتونوم رايون بويىچە ئېغىر نامرات كەنت، بۇغداي ۋە قوناق تېرىقچىلىقىنى ئاساس قىلىدۇ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسى ئاددىي.

   خىزمەت ئەترىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ نىشان – ۋەزىپىلىرىنى چۆرىدەپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنىڭ نامراتلىق سەۋەبىنى ئۆيمۇئۆي تەھلىل قىلىپ، كەنتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىشكە زور كۈچ سەرپ قىلدى. ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يولغا قويغان ‹‹كۆك-تاق›› قۇرۇلۇشى ۋە ‹‹بىر كەنتتە بىر خاس مەھسۇلات بولۇش›› تۈرىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۆكتاتچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى چىڭ تۇتۇپ، نامرات ئاھالىلەرنى كۆكتات ئۆستۈرۈش ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ كۆكتات ئۆستۈرۈش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى.

   كۆكتات ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنتتىكىلەرنى ئېتىزدىن، ياڭاق دەرىخىنىڭ ئاستى ۋە ھويلىدىكى بوش يەرلەردىن پايدىلىنىشقا يېتەكلەپ، ئائىلە ۋە ئادەمگە قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، كەنت ‹‹ئىككى كومىتېت›› بەنزىسى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانى تۈزۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنى  ئېتىزلاردا چەيزە ۋە شوخلا تېرىشقا، ياڭاق دەرىخى ئاستىدا كىرىشتۈرۈپ شوخلا ئۆستۈرۈشكە، ھويلىدا كىچىك پارنىك ياساپ سەۋزە، يۇمەيسەي، پالەك قاتارلىقلارنى ئۆستۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

ھالبۇكى، كەنتتە سۆسۈن چەيزە ئۆستۈرۈشنى دەسلەپ كېڭەيتكەندە، كەنتتە ئىلگىرى ئۆستۈرۈلۈپ باقمىغاچقا، كەنت ئاھالىلىرى ئانچە قىزغىن بولماي، ياخشى ئۆستۈرەلمەسلىكتىن ۋە ھوسۇل ئالغاندىن كېيىن ساتالماسلىقتىن ئەنسىرىدى.

   كەنت ئاھالىسىنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت ‹‹ئىككى كومىتېت›› بەنزىسىدىكىلەر 50 مو يەرگە سۆسۈن چەيزىنى مەركەزلىك، كۆلەملىك سىناپ تېرىشنى قارار قىلىپ، مەبلەغ توپلاپ كۆكتات ئۆستۈرۈش ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، كۆكتات ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىش، يىغىش ۋە سېتىش قاتارلىقلارغا بىرتۇتاش مەسئۇل بولدى ھەم ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك ئاشلىق، ياغ، كۆكتاتچىلىق شىركىتىنى ئېتىز بېشىغا كېلىپ سېتىۋېلىشقا ماسلاشتۇرۇپ، ‹‹ھەمكارلىق كوپىراتىپى+شىركەت+نامرات ئائىلە›› مەشغۇلات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، كەنت ئاھالىسىنى تېرىشتىن سېتىشقىچە غەمدىن خالاس قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتتى.

   ئاپتوموبىللارنىڭ مول ھوسۇل ئالغان چەيزىنى بېسىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن تۇرسۇن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بىز ھازىر يېڭى شەيئىلەرنى سىناپ بېقىشتىن قورقمايمىز، چۈنكى خىزمەت ئەترىتى بىز ئۈچۈن ناھايىتى ئەتراپلىق ئويلايدۇ، بىز ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىق قالپىقىنى بالدۇراق چۆرۈپ تاشلاشنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

   كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قوزغىتىلدى

   كەنت ئاھالىسى سارەم ئاۋۇت ھەر كۈنى سەھەردىلا ‹‹رۈيفېڭ›› كۆكتات تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كېلىپ، چەيزىنى ئەستايىدىل ئۈزەتتى. ئۇ ياپيېشىل يوپۇرماقنى چاققانلىق بىلەن قايرىۋېتىپ، چەيزىنى ئۈزۈپ خالتىغا سالاتتى، ھەرىكىتى چەبدەس، پىششىق ئىدى.

   سارەم ئىلگىرى سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلاتتى، ئاتا – ئانىسى ياشىنىپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا موھتاج بولغاچقا، ئۇ كەنتكە قايتىشقا مەجبۇر بولدى.

   سارەم مۇنداق دېدى: ھازىر كەنتتە ھەمكارلىق كوپىراتىپى بار بولدى، ھەمراھ كىيىم – كېچەك زاۋۇتى قۇرۇلۇۋاتىدۇ، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىز بىلەن بىللە ئىشلەۋاتىدۇ، يەنە مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ بىزگە ئۆگىتىۋاتىدۇ، ئەمدى ئۆزىمىز تىرىشمىساق ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىمىز.

   چەيزە مايسىسىنى كۆچۈرۈشتىن تارتىپ كۈندىلىك ئېتىز پەرۋىشىغىچە، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئىزچىل كەنت ئاھالىسى بىلەن بىرلىكتە ئىشلەپ ھەم دېھقانچىلىق تېخنىك مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ كەنت ئاھالىسىنى نەق مەيداندا تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، يۈزتۇرا يېتەكچىلىك قىلىپ، چىگىش مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىلمىي تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى چۈشىنىشى، ئىگىلىشىگە ياردەم بەردى؛ يەنە 100 كەنت ئاھالىسىنى تاللاپ ئۈرۈمچىگە تەكشۈرۈشكە، ئۆگىنىشكە ئەۋەتىپ، تىپ ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، كەڭ كەنت ئاھالىسىنىڭ بولۇپمۇ نامرات ئائىلىلەرنىڭ تىرىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى قوزغىدى.

   يار بېشى كەنتىنىڭ 1 – شۇجىسى جاڭ شىن مۇنداق دېدى: كەنت ئاھالىسىنىڭ ئەڭ تەخىرسىز ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر بىر كىشىگە ياخشى كۈنلەرنى ئۆزىنىڭ ئىشچان قولىغا تايىنىپ يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك.

   ھەر دۈشەنبە كۈنى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىدا، ھەر ھەپتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، ئىتتىپاق ئەزالىرى پائالىيەت كۈنىدە، ھەر ھەپتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دېھقان – چارۋىچىلار كەچلىك كۇرسىدا... خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئاممىغا چۈشىنىشلىك تىل بىلەن، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇش تەجرىبىلىرى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ماھىرلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىدىيە قارىشىنى ئۆزگەرتىش، ئىشچان قولىغا تايىنىپ تىرىشىپ بېيىش، بەختلىك تۇرمۇش يارىتىشقا يېتەكلەپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ غەيرىتى ۋە قىزغىنلىقىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى.

   سارەم كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۆيۈمدە 12 قوي، ئۈچ ئېشەك، 50 كەپتەر، 25 يەرلىك توخۇ بار، كۈنلىرىم شۇنداق ئالدىراش ئۆتىدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا تولۇق ئىشەنچىم بار.

   ئامما ئېتىراپ قىلىدىغان ياخشى بەنزە بەرپا قىلىش

   ‹‹سىلەر ئۈچىڭلار چەيزىنى توغرا جىڭلاڭلار، بىرىڭلار جىڭلىساڭلار، بىرىڭلار خاتىرىلەڭلار، بىرىڭلار خالتىلارغا قاچىلانغان چەيزىلەرنى رەتلىك قويۇڭلار. يۈرۈڭ، ئىككىمىز بۇ چەيزىلەرنى ئاپتوموبىلغا قاچىلايلى››. يار بېشى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تۇرغۇن ئىمىن كەنت ئاھالىلىرىگە ئىش تاپشۇرۇپ بولۇپ، كەنت كادىرى ئاينۇر ئەلى بىلەن بىللە ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

   تۇرغۇن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ھېچكىم گېپىمگە قۇلاق سالمايتتى، ئامما ئېتىراپ قىلمايتتى، ئىچىم تىت – تىت بولاتتى. ھازىر ئامما مېنى ئېتىراپ قىلدى، بۇنىڭدىن زور غەيرەتكە كەلدىم.

   جاڭ شىن مۇنداق دېدى: پۇل – مال بەرگەندىن كۆرە، بىر ياخشى قوشۇن قۇرغان ئەۋزەل، ياخشى قوشۇن قۇدرەتلىك ئېنېرگىيەنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپچىلىكنى ئۇيۇشتۇرالايدۇ.

   خىزمەت ئەترىتى ئىستىلنى ياخشىلاشنى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، كەنت ‹‹ئىككى كومىتېت›› بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتتى ھەم كەنت كادىرلىرى بىلەن بىللە بىرگە بىر ياردەم بېرىدىغان قوشماقلاردىن بولۇپ، قولمۇ قول تەپەككۇر يولىنى كۆرسىتىپ، تەجرىبە ئۆگىتىپ، تەلەپ قويۇپ، مەسئۇلىيەت يۈكلەپ، كەنت كادىرلىرىنىڭ ئەمەلىيەت داۋامىدا ئامما ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. خىزمەت ئەترىتى يەنە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنىڭ خىزمەت تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ‹‹ئۈچ يىغىن، بىر دەرس›› قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ‹‹بىر ئىشنى بىر مۇھاكىمە قىلىش››، ‹‹تۆتتە كېڭىشىش، ئىككىدە ئاشكارا بولۇش››نى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەشكىلاتنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.

   بىر يىلدىن بۇيان، تۇرغۇن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن تاماقتا، يېتىپ – قوپۇشتا، خىزمەتتە بىللە بولۇپ، كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە گۇۋاھچى بولدى. تۇرغۇن مۇنداق دېدى: بىز ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ھاسىلاتىمىز شۇكى، خىزمەت ئەترىتىگە ئەگىشىپ ياخشى قاراش، ياخشى ئۇسۇل، ياخشى تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگەندۇق، بۇ، ئەڭ چوڭ بايلىقتۇر.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ