7-ئاينىڭ 19-كۈنى، قادىل بازارقان جاۋ تيەنخۇا بىلەن بىرلىكتە ھويلىدىكى ئەخلەتلەرنى تازىلىماقتا.
تىيانشان تورى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز لى شيا خەۋىرى، فوتوسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەر مىللەت خەلقى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇشتىن ئىبارەت قۇيۇق كەيپىياتنى شەكىللەندۈردى، كۆپچىلىك بىرلىكتە ئۆگىنىپ، بىرلىكتە ئەمگەك قىلدى. چۆچەك شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى چىبار جىيدې ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى قادىل بازارقان 7-ئاينىڭ 19-كۈنى ئائىلە زىيارىتى قىلغاندا كەنت ئاھالىسى جاۋ تيەنخۇاغا ھويلىسىدىكى ئەخلەتلەرنى تازىلىشىپ بېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ساقچى-خەلق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.