تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

كۆپ تەرەپلىمىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرەيلى

  __ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا – سانائەت مۇنبىرىدە سۆزلىگەن مۇھىم سۆزى توغرىسىدا (5)

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  ئادىل، ھەققانىي بولغان دۇنيانى ئىدارە قىلىش ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈر شەرتى. خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولغاندىلا، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى كاپالەت بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

  جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جوھاننىسبۇرگتا ئۆتكۈزۈلگەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا – سانائەت مۇنبىرىدە، رەئىس شى جىنپىڭ كەلگۈسى ئون يىلدىكى دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى چوڭقۇرلاپ قايتا ئورنىتىش ۋەزىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، ‹‹كۆپ تەرەپلىمىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش›› تەشەببۇسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال قاتنىشىشىغا، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىپ، جۇڭگونىڭ ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان خەلقئارا سىستېمىغا قاتناشقۇچى، قۇرغۇچى ۋە تۆھپە قوشقۇچى بولۇش مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدى.

  ياخشى، مۇقىم تاشقى مۇھىت بارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. شۇنى چوقۇم كۆرۈشىمىز كېرەككى، دۇنيا كۆپ قۇتۇبلاشماقتا، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ئەگرى – توقايلىق ئىچىدە ئىلگىرىلىمەكتە، جۇغراپىيەلىك سىياسىي قىزىق نۇقتىلار كەينى – كەيندىن پەيدا بولماقتا، تېررورىزم، قوراللىق توقۇنۇش تۇمانلىرى تېخى تارقىمىدى؛ بىر تەرەپلىمىلىك، قورۇقچىلىق بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ، كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى. ئومۇمەن، بۇلار گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تەرەققىياتىنىڭ تاشقى مۇھىتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتتى. ھازىر دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ يۈزلىنىشى ھەرقايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىغا، پۈتۈن دۇنيانىڭ گۈللىنىشىگە، مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالدى.

  دۇنيانىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىشىگە، ئىنسانلار دۇچ كەلگەن دۆلەت ھالقىغان ۋە يەرشارى خاراكتېرلىك زور خىرىسلارنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمە – مېخانىزمىنى مۇناسىپ تەڭشەش، ئىسلاھ قىلىش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بولۇپ قالدى. بىراق، بۇنداق ئىسلاھات كونىنى ئاغدۇرۇپ، يېڭىنى تىكلەش ئەمەس، شۇنداقلا ئىشنى يېڭىباشتىن باشلاشمۇ ئەمەس، بەلكى يېڭىلىق يارىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈشتۇر. خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك: ‹‹ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان خەلقئارا تەرتىپ دېگەندەك مۇكەممەل ئەمەس، بىراق ئۇ قائىدىنى ئاساس، ئادىللىقنى يېتەكچى، ئورتاق پايدا ئېلىشنى نىشان قىلسىلا، ئۇنىڭدىن خالىغانچە ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ، كونىنى ئاغدۇرۇپ يېڭىنى تىكلەشكە تېخىمۇ بولمايدۇ››. دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق، ئۈنۈملۈك يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن.

  كەلگۈسى ئون يىل كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تۇرىدىغان، زور پۇرسەت ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىدىغان ئون يىل. دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى ئۆزگەرتىش مۇساپىسىگە داۋاملىق قاتناشقۇچى، تۈرتكە بولغۇچى، يېتەكلىگۈچى بولۇش دەۋر كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت. قانداق قىلغاندا مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرگىلى بولىدۇ؟ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپى يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنىڭ يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى كۆپ تەرەپلىمىلىككە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، تەرەپلەرنى ئورتاق تۈزگەن خەلقئارا قائىدىگە ھەقىقىي رىئايە قىلىشقا دەۋەت قىلىپ، چوڭ – كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەر بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىشىنى كېڭىشىپ بېجىرىپ، زومىگەرلىككە ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا قارشى تۇرۇشى؛ ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، جۇغراپىيەلىك سىياسىي قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى كېلىشتۈرۈپ ھەل قىلىشقا پائال قاتنىشىشى؛ كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوللاپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەش ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. مەيلى يېڭىلىق يارىتىش، سودا سېلىنمىسى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەر بولسۇن، ياكى تور، تاشقى بوشلۇق، قۇتۇب يېرى قاتارلىق يېڭى زېمىن بولسۇن، يېڭى قائىدە تۈزگەندە گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ پىكرىگە تولۇق قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنىڭ مەنپەئىتى ۋە تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  دەۋر دولقۇنى توختىماي ئۆركەشلەيدۇ، ئۇ ھەرقانداق كىشىنىڭ ئىرادىسى سەۋەبلىك ئۆزگىرىپ قالمايدۇ. تارىخىي يۈزلىنىشنى پۇختا ئىگىلەپ، دەۋر باش تېمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، كۆپ تەرەپلىمىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرگەندە، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى چوقۇم ئىككىنچى ‹‹ئالتۇن ئون يىل››دىكى گۈزەل كېلەچىكىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولالايدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 30 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ