7-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئىچكىرى ئۆلكىدىن كەلگەن ساياھەتچى جياڭ ۋېنلياڭ 11 ياشلىق ئوغلى بىلەن كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ بولۇپ مۇخبىرغا كۆرگەزمىدىن چوڭقۇر تەسراتلارغا ئىگە بولغانلىقىنى ئېيتىپ : «نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالدىم، شىنجاڭنىڭ تارىخىنى ئاز بولسىمۇ چۈشەنگەندەك بولدۇم» دېدى.
مۇخبىرنىڭ شۇ كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدىن ئىگىلىشىچە، يازلىق تەتىل كېلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي ساياھەت قىزىق نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، بۇ يەرگە كۈنىگە ئېكسكۇرسىيىگە كېلىدىغانلارنىڭ سانى 7000 دىن ئېشىپ، ئادەتتىكىدىن 2-3 ھەسسە ئاشقان.
ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي ساياھەتچىلەر چوقۇم بارىدىغان مەنزىرە نۇقتىسى بولۇپ قالدى. ھەر يىلى 5-ئايدىن 10-ئايغىچە مىڭلىغان ساياھەتچى مۇزېينى ئېكسكۇرسىيە قىلىدۇ.