تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، يەنە بىر «ئالتۇن ئون يىل»نى يارىتايلى

ـــ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا – سانائەت مۇنبىرىدە سۆزلىگەن مۇھىم سۆزى توغرىسىدا (1)

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

   ‹‹ئارزۇ – ئارمانلىرىمىز ئوخشاش بولسا، ئارىلىقىمىز يىراق بىلىنمەس››. گۈزەل ‹‹ھەسەن–ھۈسەن دۆلىتى›› دەپ نام ئالغان جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جوھاننىسبۇرگتا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 10–قېتىملىق ئۇچرىشىشى باشلاندى. بۇلتۇر شيامېن ئۇچرىشىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ ئىككىنچى ‹‹ئالتۇن ئون يىل››ىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى. دۇنيا كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ جوھاننىسبۇرگتا يەنە باشلىنىپ، ‹‹ئالتۇن ئون يىل››دا يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى كۈتمەكتە.

   7–ئاينىڭ 25–كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا–سانائەت مۇنبىرىدە مۇھىم سۆز قىلىپ، دۇنيا ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ‹‹جۇڭگو تەشەببۇسى››نى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا يېڭى، زور تۆھپە قوشىدىغان ‹‹جۇڭگو ھەرىكىتى››نى تەنتەنىلىك جاكارلىدى. بۇ مۇھىم سۆز جۇڭگونىڭ يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرىدىغان قەتئىي ئىشەنچى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىنى نامايان قىلدى، جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان يۈكسەك بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغانلىقىنى نامايان قىلدى، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ ‹‹ئالتۇن ئون يىل››دا يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

   ئۆتكەن ئون يىلدا، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقى بەش دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت–سائادىتىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم جانلىنىشى ھەم قايتا ئېشىشىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى. كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ ئەمەلىيىتى شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، بۇ ئىجادىي ھەمكارلىق مېخانىزمى سىياسىي ۋە ھەربىي ئىتتىپاق تۈزىدىغان كونا يولدىن ھالقىپ، ھەمراھلاردىن بولىدىغان، ئىتتىپاق تۈزمەيدىغان يېڭى مۇناسىۋەت ئورناتتى؛ ئىدېئولوگىيەنى پاسىل قىلغان كونا تەپەككۇردىن ھالقىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق ئىلگىرىلەش يېڭى يولىغا ماڭدى؛ سەن يېڭىلدىڭ، مەن يەڭدىم دەيدىغان، يەڭگۈچى ھەممىگە ئىگە بولىدىغان كونا قاراشتىن ھالقىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭى ئىدىيەنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى. بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىن بۇيانقى مىسلىسىز زور ئۆزگىرىشكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، خەلقئارا ئەندىزىدە ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان تارىخىي مۇساپىدە كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنى پىلانلاپ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئورتاق تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي مۇساپىسىدە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەنگەندىلا، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ يەنە بىر «ئالتۇن ئون يىل»ىدا يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

   كەلگۈسى ئون يىلدا قانداق زور ئۆزگىرىشلەرگە دۇچ كېلىمىز؟ رەئىس شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: كەلگۈسى ئون يىل دۇنيا ئىقتىسادىدا كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئورنىغا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ئالمىشىدىغان ھالقىلىق ئون يىل، خەلقئارا ئەندىزە ۋە كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا تېز ئۆزگىرىش بولىدىغان ئون يىل، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى چوڭقۇر، قايتا يارىتىلىدىغان ئون يىل. بۇ ئىلمىي ھۆكۈم كەلگۈسى دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. بىر تەرەپتىن، نۇرغۇن يېڭى كەسىپ، يېڭى ھالەت، يېڭى ئەندىزە ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؛ ھازىرقى تەرەققىيات سۈرئىتىنى ساقلاپ قالغاندا، ئون يىلدىن كېيىن، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارى دۇنيا ئىقتىسادى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ يېرىمىغا يېقىنلىشىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئېچىۋېتىش كېرەكمۇ ياكى بېكىنمىچىلىك قىلىش كېرەكمۇ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش كېرەكمۇ ياكى ئۆزىنىلا ئويلاپ، باشقىلارنى زىيانغا ئۇچرىتىش كېرەكمۇ، خەلقئارا جەمئىيەت يەنە بىر قېتىم قايسى يولنى تاللاشتىن ئىبارەت تۆت كوچا ئېغىزىغا بېرىپ قالدى. تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشكە ماسلىشىپ، تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىسنى بىرىكمە كۈچ ئارقىلىق يېڭىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا ئىجابىي رول ئوينىشى كېرەك، بۇ، دەۋر كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە يۈكلىگەن ئورتاق مەسئۇلىيەت.

   قانداق قىلغاندا ئىككىنچى ‹‹ئالتۇن ئون يىل››دا يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تۆت تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى: ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق ئىقتىساد بەرپا قىلىش؛ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇش؛ سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىش؛ كۆپ تەرەپلىمىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. بۇ تۆت نۇقتىلىق تەشەببۇس دەۋر ئېقىمىغا ماسلاشقان بولۇپ، ئورتاق تەرەققىياتقا يۈزلەنگەن. بۈگۈنكى دۇنيادا، ئېچىۋەتكەندىلا  ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر ئۆزئارا نەپ ئېلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ، ئۇزاققىچە تەرەققىي قىلالايدۇ، بىز ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى تەۋرەنمەي بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادنى دۇنياۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىجابىي ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشىمىز؛ يېڭى پەن–تېخنىكا ئېلىپ كەلگەن يېڭى پۇرسەت ئالدىدا، بىز ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈپ، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارالىق يېڭىلىق يارىتىش، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز؛ تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى ھەر قايسى دۆلەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق خىرىس بولۇپ، بىز خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈشىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىمىز؛ ياخشى، مۇقىم تاشقى مۇھىت  بارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئالدىنقى شەرت بولۇپ، بىز كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قەتئىي يولغا قويۇپ، زومىگەرلىككە ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا قارشى تۇرۇپ، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىنى تەشەببۇس قىلىشىمىز كېرەك.

   كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى خۇددى بەش بارماققا ئوخشايدۇ، ھەرقايسىسى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدۇ، تۈگۈلسە مۇشتقا ئايلىنىدۇ. كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ ئىككىنچى ‹‹ئالتۇن ئون يىل››ىدا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قول تۇتۇشۇپ بىر مەقسەتتە بولسىلا، خەتەرلىك چوققا، ئېگىز قىيالاردىن ئۈزلۈكسىز ھالقىپ، يېڭى پەللىگە چىقىپ، يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت يۈكسەك ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشالايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7–ئاينىڭ 26–كۈنى تېلېگراممىسى)
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى