ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرى دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى سىناق شەھەر قۇرۇلۇشىدا 16 تۈرلۈك مىقدار كۆرسەتكۈچ، 3 تۈرلۈك سۈپەت كۆرسەتكۈچنى تاماملاپ، قۇرۇلۇش خىزمىتىدە پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئالىي مەكتەپ، تەتقىقات ئورنى ۋە كارخانىلار يېقىنقى ئۈچ يىلدا جەمئىي 14 تۈردە دۆلەت دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى، 285 تۈردە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛ 2017-يىلى پۈتۈن شەھەر بويىچە 1028 تۈردە پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە پەن-تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلار ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ كۈچىيىپ، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىدىن 16 سى، دۆلەتنىڭ ئۆزگىچە كەسىپلەر بازىسىدىن 5 ى، بىر دۆلەت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق يېڭى ماتېرىيال ئۆزگىچە كەسىپلەر توپى، بىر دۆلەت دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا رايونى شەكىللەنگەن؛ پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىدىن جەمئىي 79 ى بار بولۇپ، 283 يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا پەن تېخنىكا مىنىستىرلىكىگە ئەنگە ئالدۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇمىي سانىنىڭ %52.4 نى ئىگەللىگەن؛ 2017-يىلى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتى 14 مىليارد 412 مىليون يۈەنگە يېتىپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ %23.06 نى ئىگەللىگەن.