شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 19-كۈنى قورغاس تاموژنىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قورغاس رايونىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىنغان مال مىقدارى 17 مىليون 44 مىڭ 400 توننا بولۇپ، 2017-يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.62 ئاشقان.
قورغاس «جىڭتيەن» خەلقئارا خېرىدارلار مۇلازىمەت مەركىزىدە كېلىپ كېتىۋاتقان چوڭ يۈك ئاپتوموبىللارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى، يۈك قاچىلاپ-چۈشۈرۈش ئىشچىلىرى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئامبىرىنىڭ ئالدىدا ماللارنى ئالدىراش قاچىلاپ-چۈشۈرمەكتە ئىدى.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، قورغاس پورتىدىن ئېكسپورت قىلىنغان تاۋارلار ئاساسلىقى ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرى، سومكا-چامادان، كىيىم-كېچەك تۈرلۈك ماللار ئىكەن؛ يۇقىرى يېڭى تېخنىكا، توقۇلما كىيىم-كىچەكلەر، ماشىنا ۋە ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى ۋە ئەۋزەل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىر قەدەر تېز بولغان؛ ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلار ئاساسلىقى تەبىئىي گاز، چۇچۇكبۇيا، گازىر ۋە ھايۋانات تېرىلىرى ئىكەن؛ قورغاس تاموژنىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇھىتىنى ياخشىلاش ئارقىلىق، تاۋارلار قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئېتىبار بېرىش سىياسەت تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رايون ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرگەن.